باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سانجى ئوبلاستى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى

2017.03.14 14:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى بۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ليۇ يۈچىڭگە دەسلەپكى قەدەمدە «سول ئۆپكە يەككە تالالىق ئۆسمە» ھەم يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان، دەپ دىياگنوز قويدى. دوختۇرخانا يىراقتىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش سىستېمىسى ئارقىلىق، بېيجىڭ 301-دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاغرىقنى ئەڭ ياخشى داۋالاش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى ھەم ئاغرىقنىڭ داۋالىنىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى، ئاغرىقنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى بولدى.

  سانجى ئوبلاستى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دوختۇرخانىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسىغا تولۇق تايىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ 301-دوختۇرخانىسى، ئازادلىق ئارمىيە 3-ھەربىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار بىلەن يىراقتىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش سۇپىسى قۇرۇپ، ئاغرىقلارنى ناھىيە، شەھەردىن چىقماي تۇرۇپلا رايون ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق دوختۇرخانىلاردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئوبلاستتىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى بۇلتۇر يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار بىلەن 2013 قېتىم يىراقتىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويدى. ناھىيە، شەھەرلەردىكى 2-دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلار يەنە يېزا-بازارلىق 22 شىپاخانا بىلەن يىراقتىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش سىستېمىسى بەرپا قىلدى، ئوبلاست بويىچە يىراقتىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش سىستېمىسى ئارقىلىق ئاغرىقلارنىڭ 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق داۋالىنىش خىراجىتى تېجەپ قېلىندى.

  سانجى ئوبلاستى بۇلتۇر فۇكاڭ شەھىرىنى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ناھىيە-شەھەر قىلىپ بېكىتىپ، شەھەر، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك 43 داۋالاش ئاپپاراتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەھەر ئىچى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇپ، ناھىيە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يېزا-بازار، كەنتلەردىكى شىپاخانىلار بىلەن داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. سانجى ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى، ئوبلاستلىق جۇڭيى دوختۇرخانىسىمۇ ئوبلاستتىكى 2-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار بىلەن «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىدىكى ھەمكارلىق ئورۇنلىرىغا بېرىپ 83 قېتىم كوللېكتىپ دىياگنوز قويدى، 30 نەچچە مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ، 800 نەچچە ئادەم(قېتىم)نى تەربىيەلىدى. سانجى ئوبلاستلىق سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يەنە شەھەر داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى 100 دوختۇرنىڭ يېزا-بازارلاردىكى شىپاخانىلارغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى. ئوبلاستتىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرى 100 كەسپىي تېخنىكنى يېزا-بازارلاردىكى شىپاخانىلارغا بېرىپ بىر يىل مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتىپ، نۇقتا ئارقىلىق نۇقتىنى يېتەكلەشتەك ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر