باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نەتىجىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيلى

2017.03.14 15:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىغا بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا نامراتلىقنى تۈگىتىش خىزمىتى توغرىسىدا ئالاھىدە توختىلىپ، نامرات رايون ۋە نامرات ئاھالە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ زور كەمتۈكلۈك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئىزچىل يولغا قويۇپ، بۇ يىل يېزىلاردىكى 10 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمىز، دېيىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چىرا ناھىيەسى چىرا يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باش ئۈژمە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەترېھىم مەمتىمىن مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان ھەممە تەڭ غەيرەتكە كېلىپ نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تىرىشتى، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇلتۇر باش ئۈژمە كەنتىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشقا قاراپ ماڭدى. «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا، بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق باھالاش- سىناشنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى كونكرېت بەلگىلەندى. كەنت «ئىككى كومىتېتى»مىز كەنتىمىزدىكى قالغان نامرات ئائىلىلەرنى ئىككى يىلغا بۆلۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، خىزمەتلەرنى باشلىۋەتتۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىزدىن نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ قايتا نامراتلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تەڭ ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. دوكلاتتا ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ دېھقانلار ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىش، ئەتراپىمىزدا ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلاشقان دېھقان- چارۋىچىلار بار، شۇڭا يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سىياسىتى دائىرىسىدە ئاتچوت قىلىدىغان ئېغىر كېسەلنىڭ تۈرلىرى كۆپەيتىلسە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ داۋالىنىش يۈكى تېخىمۇ يېنىكلەيتتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تاجىك ئاۋات بازىرى دۆلەتدى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نابۇرەشاھ غوجاخۇن مۇنداق دېدى: كەنتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە پائال ئاۋاز قوشۇپ، بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكلىشىدە دېھقان- چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق، بۇلتۇر كەنتىمىزدىكى قىسمەن ئاياللار تاجىك ئاۋات بازىرىدا قۇرۇلغان گىلەم زاۋۇتى، كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەپ، كىرىمىنى ئاشۇردى، بىز يەنە 70كە يېقىن دېھقان- چارۋىچى ئائىلىسىنى كۈزدە يوپۇغا، يەكەن ۋە 42- تۈەنگە بېرىپ پاختا تېرىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتتۇق. تاشقورغان ناھىيەسى ئېگىزلىككە جايلاشقان، تەبىئىي شارائىتى ناچار، تەرەققىياتى ئاستا، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت، تۇغما يۈرەك كېسىلى قاتارلىق ئېگىزلىكتىن قورقۇش كېسىلى بىر قەدەر كۆپ. شۇڭا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەش، ئۆز ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق قاراتمىلىقى كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش بىلەن بىللە ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ۋە دېھقان- چارۋىچىلارغا قارىتىلغان داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش سالمىقىنى، دائىرىسىنى مۇئەييەن تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، بېيجىڭ «چيەنكۇن» ئادۋوكاتخانىسى ئۈرۈمچى تارمىقىنىڭ ئادۋوكاتى فاتىمە ماخمۇت مۇنداق دېدى: ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلاشقان، قايتا نامراتلاشقان ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ بېكىتىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون قاتلىمىدا بۇ ئائىلىلەرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ئېرىشكەن قۇتقۇزۇش ياردىمى، قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش نەتىجىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، ئۇچۇردىن ئورتاقلىشىش، ھەر ۋاقىت ئەھۋال ئىگىلەش ۋە جانلىق باشقۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا؛ نامرات ئائىلىلەر كۆپ، سەھىيە بايلىقى كەمچىل، ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلگەن ناھىيە، شەھەرلەرگە مالىيە جەھەتتىن مايىللىشىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە كەسپىي خادىملارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈنسە؛ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش تۈرى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سىياسىتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇتقۇزۇش ياردىمى، مېيىپلەرگە قارىتىلغان قۇتقۇزۇش كاپالىتى، پاراۋانلىق قۇتقۇزۇش ياردىمى ۋە جەمئىيەت ئىئانىسى قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلاشقان، قايتا نامراتلاشقان ئائىلىلەرنى قۇتقۇزۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇتقۇزۇش تۈر مەبلەغلىرىنىڭ ئۈنۈمى ئاشۇرۇلسا؛ ئاپتونوم رايوننىڭ ھەقسىز ئومۇمىي خەلق ئېغىر كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلاشقان، قايتا نامراتلاشقان قىيىنچىلىقى ئېغىر دېھقان- چارۋىچىلارغا قارىتىلغان ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلسە؛ ئېغىر كېسەلنىڭ ئاتچوت نىسبىتى ئۆستۈرۈلۈپ، دىيابىت، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل ئاتچوت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلسە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نەتىجىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر