- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەيۋەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئەزا ۋاڭ چېڭدې: چەت ئەل تىلى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشتە مۇقىم يۆنىلىشكە يۈزلىنىش كېرەك، دېدى
2017.03.14 16:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتۈلىدىغان دەرس تۈرى كۆپ، مەزمۇنى ئېغىر، تاپشۇرۇق كۆپ ۋە ئىمتىھان سوئالى قېيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت. بولۇپمۇ، كۆپ جايلاردا يەسلىدىن باشلاپلا چەت ئەل تىلى ئۆگىتىدۇ، ئادەتتىكى ئىمتىھان، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچىلار چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى بېرىدۇ. چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى بار بولسا بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ، لېكىن چەت ئەل تىلىنى بەك بالدۇر ۋە كۆپ ئۆگىنىش زۆرۈر ئەمەس. چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى ئېلىشنى چەكلەش زۆرۈر. چەت ئەل تىلى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشتە تېگىشلىك يۆنىلىش ۋە مەقسەت بولۇشى، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر ۋە پەنلەر بويىچە تەسىس قىلىنىشى كېرەك، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر