باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار 87 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامدا مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ

2017.03.14 17:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىلى شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 87 مىڭ 102گە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 37 مىڭ 280 نەپەر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى، 5959 نەپەر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى ۋە 289 نەپەر دوكتور ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016- يىلى شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 79 مىڭ 905 ئادەم بولۇپ، بۇ يىل بۇلتۇرقىدىن يەتتە مىڭى كۆپەيگەن. شىنجاڭ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ياكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %85تىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.

  11- مارت، شىنجاڭدا 2017- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەكتەپتە ئۆز-ئارا تاللاش-خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى باشلاندى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن 120دىن ئارتۇق ئورۇن 4000غا يېقىن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان بەش مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە نازىرى پەرھات ھېزىم باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئاز سانلىق مىللەت، قىز، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم قىلىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان كەڭ كۆلەمدىكى ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قاتلامغا ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارغا بېرىپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك.

  2015- يىلى، شىنجاڭ «شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ ‹13ـ بەش يىللىق پىلان›غا ئۇيغۇن پىلانى»نى تۈزۈپ، 2020ـ يىلىغىچە، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 20 مىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ تەربىيەلەشنى پىلانلىغان. 2017ـ يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان تۆت مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى داۋاملىق تاللاپ ئەۋەتىلىدىكەن، تەربىيەلەش ئوبيېكتى يەنىلا ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى ئوقۇغۇچىلار، ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىنىدىكەن، ئۇلار تەربىيەلەشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئاساسلىقى كارخانا باشقۇرۇش ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنى، ھەمدە ئاساسىي قاتلامدىكى كەسپىي ئورۇنلارغا ئىشقا ئورۇنلىشدىكەن، ياكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر