باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2017- يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن>>سىياسىي كېڭەش خەۋەرلىرى

ئەزا چېن چى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشىنى قوغداش ۋە سۇ بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش تۈرىنى تېزلىكتە قوزغىتىش تەكلىپى بەردى

2017.03.14 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-مارت، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى چېن چى مۇنداق دېدى: دۆلەت تېزلىكتە «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سۇ ئىنشائاتى پىلانى»دىكى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى قوغداش ۋە سۇ بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش تۈرىنى قوزغىتىشى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇ بايلىقىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىقى بىر قەدەر مول بولسىمۇ، بىراق، ئىقلىمى قۇرغاق، سۇ كەمچىل بولغانلىقتىن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ناھايىتى ئاجىز.

  چېن چى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: 2015-يىلى، دۆلىتىمىز «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سۇ ئىنشائاتى پىلانى»نى قوزغىتىپ يولغا قويدى. نۆۋەتتە، بۇ «پىلان»دىكى شەھەر-يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى، سۇغىرىش رايونلىرىنى سۇ تېجەپ سۇغىرىش بويىچە زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، تاغلىق رايونلار سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى، نۇقتىلىق دەريالارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى ۋە بىڭتۇەننىڭ يېڭىدىن كېڭەيتىپ قۇرۇلغان تۈەن-مەيدانلىرىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق بەش چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ئارقا-ئارقىدىن باشلاندى. بىراق، ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشنى قوغداش، سۇ بايلىقىنى نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ قۇرۇلۇش تۈرى تېخى باشلانمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر