باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭنىڭ چاڭ-تۈتەكلىك ھاۋاغا تەدبىر قوللىنىش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسى: تۇمانسىز كۆپكۆك ئاسمان كەلگۈسىدە ھەرگىزمۇ كىشىلەر تەشنا بولىدىغان بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك

2017.03.16 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- مارت چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ 3- قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالىدا 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

  مۇخبىر: چاڭ-تۈتەكلىك ھاۋا بىلەن ئالاقىدار بىر سوئالنى سورايمەن. بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان چاڭ-تۈتەكلىك ھاۋا پۇقرالارنىڭ قەلبىدىكى بىر ئاغرىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى، ئەمما ھەر قېتىم چوڭ پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەندە كۆپكۆك ئاسمان يەنە قايتا كۆرۈلىدۇ، كۆپچىلىك خۇشال ھالدا سۈرەتكە تارتىپ، دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويىدۇ. زۇڭلىدىن سورايدىغىنىم شۇكى، مۇشۇنداق كۆپكۆك ئاسمان قانداق قىلغاندا داۋاملىشالايدۇ؟

  لى كېچياڭ: چاڭ-تۈتەكلىك ھاۋا مەسىلىسى ھەقىقەتەن ئاممىنىڭ ئاغرىش نۇقتىسى. كۆپكۆك ئاسمانمۇ ھاۋاغا ئوخشاشلا، ھەممە ئادەمگە باراۋەردۇر. بۇ يەردە ئولتۇرغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ كۆپ كۆك ئاسمان كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز، لېكىن جۇڭگو تەرەققىيات جەريانىدا ھەقىقەتەن مۇھىت ئاسراش مەسىلىسىگە، بولۇپمۇ چاڭ-تۈتەكلىك ھاۋا مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. مەن ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا مۇنداق بەش تۈرلۈك تەدبىرنى سۆزلىدىم، كەسكىنلىك بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەقىقىي بىر مەيدان «كۆك ئاسمان قوغداش ئۇرۇشى»نى قىلىمىز. بىراق كۆپچىلىككە گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتاي، بۇنىڭغا بىر باسقۇچ كېتىدۇ.

  بىز چاڭ-تۈتەكلىك ھاۋانى تۈزەشتە كۆمۈر كۆيدۈرۈش، قالدۇق گاز چىقىرىش ۋە چاڭ-توزان قاتارلىق جەھەتلەردە نۇقتىلىق ھالدا تۈزەش تەدبىرلىرىنى قوللاندۇق. بىراق بۇ يىل، مەن ئىككى يىغىن مۇلاھىزىسىگە قاتناشقاندا، بەزى ئالىملار مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن باشقا يەنە ناھايىتى مۇھىم ئامىل بار، چاڭ-تۈتەكلىك ھاۋانىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى بىز تېخى تولۇق بىلىپ يېتەلمىدۇق، ئۇ ئالىم يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ شىمالىي رايونىدا قىش پەسلىدىكى چاڭ-تۈتەكلىك ھاۋا ئەھۋالى پۈتۈن دۇنيادا ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئەلۋەتتە، بۇ ئامىللارنى بۇ يەردە دېيىش قولايسىز، ئالىملار يەنە تولۇق دەلىل-ئىسپاتلىنىشى لازىم. لېكىن، مەن شۇنى ئېنىق دەيمەنكى، بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلىتىمىز مەخسۇس فوند تەسىس قىلىپ، نۇرغۇن پۇل تۆلەشتىن باش تارتماي، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالاقىدار ئالىملارنى تەشكىللەپ، بۇ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، چاڭ-تۈتەكلىك ھاۋا شەكىللىنىشتىكى نامەلۇم ئامىللارنى چىڭ تۇتۇپ تېپىپ چىقىپ، چاڭ-تۈتەكلىك ھاۋانى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈزەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر