باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 2-، 3-قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2017.03.15 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى 14-مارت چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى چياۋ شياۋياڭ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ھەم سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى دەسلەپكى قارار لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چېن بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك دەسلەپكى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزۈش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىدا ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى دەسلەپكى لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى ۋە يۇقىرىقى دەسلەپكى قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى، چارە لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى، دەسلەپكى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزۈش ۋە ئالاقىدار دوكلاتلارنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ماقۇللاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر