باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ يەر شارىنى تىزگىنلەش ئىدىيەسى تەدرىجىي ھالدا خەلقئارانىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى

2017.03.16 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرغان، يەككىچىلىك، بىر تەرەپلىمىلىك ۋە يەر شارىلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئېقىمى كەڭ تارقىلىۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو رەھبىرى ئوتتۇرىغا قويغان «ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ئىدىيەسى كۈنسېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، نۇرغۇن چەتئەللىك ئەربابلار شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ ئىنسانلارنىڭ تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلدى، يەر شارىنى تىزگىنلەشنى مۇھىم تەپەككۇر بىلەن تەمىنلىدى، دېدى.

  بىر ئاي ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىجتىمائىي تەرەققىيات كومىتېتى كېڭىشىپ «ئافرىقىدا يېڭى شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىجتىمائىي قاتلام» قارار لايىھەسىنى بىردەك ماقۇللاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلىبە قىلىش ۋە ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش روھى» بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاشنى كۈچەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ «ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ئىدىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارار لايىھەسىگە كىرگۈزۈلۈشى بولۇپ، بۇ ئىدىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىجتىمائىي تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 55-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى فىلىپ چاۋىس شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» ئىدىيەسى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە تايىنىشتەك ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تەڭ غەلىبە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى. «ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ئىدىيەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.

  ئامېرىكا ئادىمىيەت ۋە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى كوب مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەت يىلتىزدىن تەڭ بەھىرلىنىدىغان بىر پارچە ئورمانلىققا ئوخشايدۇ، يۈزەكى جەھەتتە رىقابەتلەشسىمۇ، چوڭقۇر قاتلامدىن قارىغاندا، ھەر قانداق بىر مىللەت ۋە مەدەنىيەت يەككە مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ. «ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ئىدىيەسى بىزگە يەر شارىنى تىزگىنلەشتە چوقۇم ئىمكانىيەتلىك سىجىل «خەلقئارالىشىش» تەرەققىياتىغا تايىنىش كېرەكلىكىنى، ئەگەر ھەر بىر دۆلەت بۇ ئىدىيەنى قوبۇل قىلسا ۋە ئۇنى ئىجرا قىلسا، بىزنىڭ «خەلقئارالاشقان» دۇنياغا ئىگە بولالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى.

  بېلگىيە بۇرگېس ياۋروپا ئىنستىتۇتى ياۋروپا جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دىكىن فورمات مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يەر شارىنى تىزگىنلەش ئۈستىدە بەرگەن ۋەدىسىنى نامايان قىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارايمەن. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ياۋروپانىڭ يەر شارىنى تىزگىنلەش قارشى بىلەن تېخىمۇ يېقىن، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كەلگۈسىدە يەر شارىنى تىزگىنلەشتىكى باشلامچىلىرىغا ئايلىنىدۇ.

  بۇ يىل جۇڭگو بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى بىلەن ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خاۋۇلخېن چېدىك مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى مەيدان مۇھىم كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە پائالىيىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، دوستلۇق ۋە گۈللىنىشنى بارلىق لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە قوشنا رايونلارغا كېڭەيتىشكە پايدىلىق. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر شەكىللەندۈرگەن بىرىكمە كۈچ بىز ھەممىمىز تەلپۈنىدىغان گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشقا پايدىلىق.

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئاممىۋى ئىشلارغا مەسئۇل سابىق مۇدىرى، سىنگاپورنىڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇ خادىمى لى جيەنشيوڭ مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى مەزكۇر رايوننىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى يەر شارى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىر بەلباغ بىر يول رامكىسىدا ھەمكارلىق بوشلۇقىنى زورايتتى. لېكىن جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر قوشۇلمىسى قېلىپىدا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن سۆزلىشىپ، تېخىمۇ كەڭ بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتسا بولىدۇ. بۇ قېلىپ رامكا ئاستىدىكى ھەمكارلىقنى ئېچىۋېتىشچانلىق، جانلىقلىققا ئىگە قىلىپ، قاتناشقان دۆلەتلەرنى بىر قەدەر كۆپ پۇرسەت ۋە بوشلۇققا ئىگە قىلالايدۇ.

  ياۋروپا كېڭىشى ياۋروپا جۇڭگو دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باش كاتىپى مۇنداق دېدى:مەن شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى :جۇڭگو ھۆكۈمىتى خىزمەت دوكلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ھەر خىل شەكىلدىكى قورۇقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارىنى ئىدارە قىلىش مۇساپىسىگە چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئادىل مۇۋاپىق بولغان يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ مەيدانى دۇنياغا ئىشەنچ ئېلىپ كەلدى، مەن جۇڭگونىڭ يېتەكچىلىكىدە دۇنيانىڭ ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزىدىغان، باراۋەر ھەمكارلىشىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا ئىشىنىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر