باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خەلقتىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ ئالايلى(3)

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىشىنى كېڭەشكەنلىكى توغرىسىدا

2017.03.15 14:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەرەققىياتنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش

  2017-يىل 3-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «خەلق» سارىيىنىڭ شەرقىي زالى جۇشقۇنلۇققا، كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتقا تولغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەردە لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىۋاتاتتى.

  ۋەكىل شۈ چياڭ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش 1-سېپىدىن كەلگەن بولۇپ، باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: بىر نەچچە يىل ئىلگىرى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاشتا سايلىنالمىدىم. ئەينى چاغدا نۇرغۇن كىشى ماڭا: سەن باشقىلارغا بىرەر تال تاماكا تۇتمىساڭ ياكى بىرەر رومكا ھاراقمۇ قۇيمىساڭ، سېنى بىكارغا ۋەكىللىككە سايلامتى؟ دەپ تەسەللى بېرىشتى. كېيىنچە مەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندىم، بۇ، تەشكىل ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىدىن بولدى.

  شۈ چياڭ مۇنداق دېدى: كىشىلىك تۇرمۇشتا ئەگرى-توقايلىق بولىدىكەن. ھازىر لياۋنىڭنىڭ سىياسىي كەيپىياتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، پۈتۈن ئەقىل-پاراسىتىمىز ۋە كۈچ-قۇدرىتىمىزنى ئىشقا سېلىپ، خىزمىتىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلدى: ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىدىكى يولداشلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولالىشى ئېلىمىز خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىدۇر.

  بۇلتۇر مەركەز لياۋنىڭدا يۈز بەرگەن سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. دېلونى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىبرەت تەربىيەسى بېرىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق لياۋنىڭنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەننىڭ خېڭياڭدا يۈز بەرگەن سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسىنى ئىنچكە تەھلىل قىلىپ، سىچۈەننىڭ نەنچۇڭدا يۈز بەرگەن سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسىدىكى ئاچچىق ساۋاقلارغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۇرغۇن كىشى قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، قانۇن كۆپكە تەگمىسە بولامدۇ؟ بۇ ئىشنى قايتا تەكرارلانمايدۇ، دەپ ئېيتىشقا بولامدۇ؟ ياق ئۇنداق بولمايدۇ! قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىش كېرەك!

  مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشى روشەن بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى بېجىرىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىدىكى كونا كېسەللەرنى ھەقىقىي تۇتۇپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، يامانغا لەنەت، ياخشىغا مەدەت بەرگەندىلا، قەلبلەرنى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئومۇمىي مۇساپىسىنىڭ قىزىل سىزىقى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دىكى بايانىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان سۆزلىرىنىڭ بىرى.

  باش شۇجى 2014-يىلى ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن تەربىيەلەشتە، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە، ئىنتىزامدا تەلەپچان بولۇش، ئىش قىلىشتا، ئىگىلىك تىكلەشتە، ئادىمىيلىكتە راستچىل بولۇشنى تەلەپ قىلغانىدى. «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيە پائالىيىتى مانا مۇشۇنىڭدىن باشلاپ قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ داۋاملاشتۇرۇلدى.

  باش شۇجى 2015-يىلى جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: تەبىئىي ئېكولوگىيەدە يېرى ياپيېشىل، سۇلىرى سۈپسۈزۈك بولۇشنى تەكىتلەپلا قالماي، سىياسىي ئېكولوگىيەدىمۇ ساپ بولۇشنى تەكىتلەش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «چىرىپ كەتكەن دەرەخ»لەرنى قومۇرۇپ، «كېسەل دەرەخ»نى ساقايتىپ، «مايماق دەرەخ»نى تۈزلەش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا «ھادىسىدىن تۈزەش»نى «ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش»كە ئۆزگەرتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  باش شۇجى 2016-يىلى دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى ۋە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن كەلگەن ئەزالارنى يوقلىغاندا، «خەلقچىل» ۋە «پاك» دېگەن ئۇقۇم بىلەن ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەرنىڭ يېڭىچە مۇناسىۋىتىگە ئېنىقلىما بېرىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە ئالاقىلىشىشىدىكى يۇقىرى-تۆۋەن چەكنى بەلگىلەپ بەردى.

  باش شۇجى بۇ يىل لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى قايتىدىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: لياۋنىڭنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيەۋى ساپاسى يۇقىرى، ئەخلاق-پەزىلىتى ياخشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ماھارىتى كۈچلۈك، خىزمەت ئىستىلى دۇرۇس كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش ئەڭ مۇھىم ئاچقۇچ.

  باش شۇجى لياۋنىڭنىڭ ئىقتىسادقا دائىر سانلىق مەلۇماتلاردا ساختىلىق قىلىپ، يالغان مەلۇمات يوللاش مەسىلىسىنى تۈزەشكە ئاۋۋال قول سالغانلىق ئىشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: لياۋنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئېنىقلاپ، تېگىنى سۈرۈشتۈرۈپ، يالغاننى، ساختىلىقنى تۈگەتتى، قارىماققا سىلەر ئوتتۇرىغا قويغان سانلىق مەلۇماتلار ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، بىراق مېنىڭچە، ئەمەلىيەتتە شۇنچە ياخشى بوپتۇ، بۇ، ئوچۇق - ئاشكارا سانلىق مەلۇمات. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى قوللايدۇ. ھەقىقىي ۋە ئەمەلىي تۇتۇپ، بوشاشماستىن ئىقتىسادنى روناق تاپقۇزۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، ئاندىن بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئومۇرتقىسى بولالايدۇ.

  باش شۇجىنىڭ سۆزى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا سادىق، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئادىل، ئىشنى پاكىز قىلىدىغان كادىرلارنى ئۆستۈرۈش كېرەك، ئىش قىلمايدىغانلارنى ئورنىدىن بوشىتىپ، يالغانچىلارنىڭ چىقىش يولىنى ئېتىپ، ئەمەل كويىدا قاترىغانلارنىڭ بازىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئەمەل سودىسى قىلغانلارنى قاتتىق جازالاپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈش − جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدىن 5-يىغىنىچە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدىن 5-يىغىنىغىچە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدا ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن چوڭقۇر پىكىرلەشتى.

  دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قانۇن ئىدارە قىلىشقا تايىنىش −

  دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا بىرلىككە كەلگەن قانۇن-نىزام، تۈزۈم سىستېمىسى ۋە ئاساسىي باشقۇرۇش خىزمەت سىستېمىسىنى تەسىس قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئېقىپ كېتىش ۋە زور خەۋپكە ئۇچراش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشتە قانۇن ئىدارە قىلىشقا تايىنىش −

  ئوچۇق ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، تاشقى ئىقتىسادىي سودا ساھەسىنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر خىل ئىقتىسادىي سۇبيېكىتقا قانۇن جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئادىل، تەرتىپلىك بولغان مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك.

  چېگرا رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تايىنىش −

  چېگرا رايونلارغا بولغان سېلىنمىنى زورايتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئامانلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرانىڭ تەرتىپىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ ۋە كونترول قىلىپ، چېگرا رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تايىنىش −

  مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىغا سېلىش كېرەك.

  پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى قانۇن ۋە ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، دەۋرنى يېتەكلەيدىغان كەڭ قورساقلىق ۋە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر