باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12315 ئالاقە تورى سۇپىسى ئېلان قىلىندى

ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش ئالاقە تورى دەۋرىگە كىردى

2017.03.15 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قۇرغان مەملىكەتلىك 12315 ئالاقە تورى سۇپىسى 14-مارت سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ھەمدە 15- مارت رەسمىي ئىچىۋىتىلدى. ئىستېمالچىلار سۇپىدا تىزىملاتقاندىن كېيىن، كومپيۇتېر، يان تېلېفون قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ھەرۋاقىت ئەرز قىلىپ، پاش قىلالايدۇ.

  دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ «ئالاقە تورى+ مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى»دىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئالاقە تورى دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 12315 ئالاقە تورى سۇپىسى ئەسلىدىكى 12315 قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونى بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، ئۆز ئارا ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ياخشى بولغان بازار تەرتىپى ۋە بىخەتەر، خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتى يارىتىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  1999- يىلى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى مەملىكەت بويىچە ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز قىلىش، پاش قىلىش مەسلىھەت سوراش تېلېفونىنى 12315گە بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان، خەلققە قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك 12315 سىستېمىسى پەيدىنپەي قۇرۇپ چىقىلدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1999-يىلىدىن 2016- يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئىستېمالچىلارنىڭ جەمئىي 73 مىليون 128 مىڭ پارچە تۈرلۈك ئەرزى قوبۇل قىلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ 17 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىيىنى قايتۇرۇۋېلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر