باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چېن چۈەنگو شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زور غەمخورلۇقىنى باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرايلى

ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇر بەكرى، ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى

2017.03.15 14:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك قارار لايىھەلىرى ۋە ئالاقىدار بېكىتمە لايىھەلەرگە قاراپ چىقىپ، پۈتۈن ئۆمەكنىڭ خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك قارار لايىھەلىرى ۋە ئالاقىدار بېكىتمە لايىھەلەرگە قاراپ چىقىپ، پۈتۈن ئۆمەكنىڭ خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.
   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا قاتناشتى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. شۆھرەت زاكىر، نۇر بەكرى، ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. نەيىم ياسىن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى خۇلاسىلىدى.
   چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تاماملىغاندىن كېيىن غەلىبىلىك يېپىلىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشىمىزنى ئىلمىي قىبلىنەما ۋە تۈپ ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ۋەكىللەر خىزمەت ئورنىغا قايتقاندىن كېيىن، يىغىننىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە قىلغان غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن، كەسىپ ۋە رايونغا يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىدىيەسىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئورتاق تونۇش ۋە كۈچنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
  چېن چۈەنگو تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىشىمىز كېرەك. گەرچە شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەلبداش بولۇپ، ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇشى كېرەك.
   چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، باش شۇجىنىڭ مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەينەن ئۆگىنىپ، قايتا-قايتا سىجىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، قەلبىمىز ۋە مېڭىمىزگە سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك تاراتقۇلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىدىغان، تەشۋىق قىلىدىغان، ئىزچىللاشتۇرىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىق مېھرىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.
   چېن چۈەنگو تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىك ئىشلاردىن تۇتۇش، تېز ھەم ياخشى تۇتۇشنى مەۋقە قىلىپ، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ئورۇنلارنى باشقۇرۇپ تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئەبەدىي ئەمىن ۋەزىيەت بەرپا قىلىپ، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئالاھىدە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، «مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان، ئېنېرگىيەنى ئېغىر دەرىجىدە خورىتىدىغان، كۆپ بۇلغىما چىقىرىدىغان» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆپكۆك، يېرى ياپيېشىل، سۇلىرى سۈپسۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋە چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، شەھەر-بازارلارنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق، ساقچى بىلەن خەلق، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان پولاتتەك ئىستىھكام قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئۇزاققىچە ئېچىلدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، تۈرلۈك ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى پائال مۇقىم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك.
   خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچى، مەمتىمىن ياسىن، دۇڭ شىنگۇاڭ، خۇاڭ رۇڭ، جەرۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر