باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خەلقتىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ ئالايلى(2)

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىشىنى كېڭەشكەنلىكى توغرىسىدا

2017.03.15 14:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلققە باغلانغان ئۆزگەرمەس رىشتە

  ۋەكىل لو يۈنليەنمۇ باش شۇجىغا لۇشەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، قايتا قۇرۇلغان لۇشەننىڭ يېڭى قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر قانچە پارچە سۈرەت ئالغاچ كەلگەنىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ سۈرەتتىكى يېڭىدىن سېلىنغان مەكتەپ، چىرايلىق تۇرالغۇ، چىڭلۇڭچاڭ كەنتىنىڭ ئېغىزىغا تىكلەنگەن «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز» دېگەن خەتلەر ئۇيۇلغان مىننەتدارلىق ئابىدىسىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: ناھايىتى خۇش بولدۇم، نۇرغۇن قاتتىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، قايتا گۈللىنىپسىلەر!

  2013-يىلى 4-ئايدا سىچۈەننىڭ لۇشەن ناھىيەسىدە يەتتە بال كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، ئېغىر تالاپەت بولغان ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغانىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالايىتەن ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سورىغانىدى.

  كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەينى چاغدىكى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان مەنزىرىنى، يەنى لۇشەن ناھىيەلىك تەنتەربىيە سارىيى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى چېدىردا باش شۇجىنىڭ بىر ياشتىن چوڭراق بىر بالىنىڭ يۈزىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ تۇرۇپ، سۆيۈپ قويغان تەسىرلىك كۆرۈنۈشىنى تېخى ئۇنتۇمىدى.

  بۇ بالىنىڭ ئىسمى لو جۈنچېڭ بولۇپ، بۇ يىل بەش يېرىم ياشقا كىردى. سۈرەتتىكى بالىنىڭ لۇشەن ناھىيەلىك يەسلىدە خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، باش شۇجى مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرىدى.

  خەلق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە باشتىن-ئاخىر ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.

  خەلق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدىن ئەزەلدىن ئەڭ چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

  ھەر يىلىدىكى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى توغرىسىدا ھەممىدىن كۆپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  2013-يىلى لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىنى كۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  2014-يىلى گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىنى چىڭ، تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلەپ، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنى ئۈزلۈكسىز ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  2015-يىلى جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش داۋامىدا قەتئىي سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماي، يۈگۇڭدەك قەتئىي ئىرادە تىكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

  2016-يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: «13-بەش يىل» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئەڭ مۈشكۈل بولىدىغان، «مۇھاسىرىگە ئېلىپ» ھۇجۇم قىلىدىغان مەزگىل. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، سالماقنى ئاشۇرۇپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، تەرەققىياتنى كۈچەيتىپ، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «كىمنى يۆلەش، كىم يۆلەش، قانداق يۆلەش، نامراتلىق قالپىقىنى قانداق ئېلىۋېتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى جەزمەن دەل جايىدا بولۇشى كېرەك، بەزىلىرىگە ئىنچىكە خىزمەت ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ»، «خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بەزى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىش كېرەك».

  − نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە چىڭ تۇرۇشتا، «گىرانات بىلەن بۈرگىنى پارتلىتىش»قا ئوخشاش ئىش قىلىشقا بولمايدۇ؛

  − نامراتلارنى يۆلەشتە، ئالدى بىلەن ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەپ، نامراتلىق ھادىسىسىنىڭ ئەۋلادلار ئارىسىدا تارقىلىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك؛

  − ئوبراز قۇرۇلۇشىنى ئازراق قىلىپ، نامرات ئاھالىلەرگە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش كېرەك؛

  − سانلىق مەلۇماتتىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشىنى قەتئىي قىلماسلىق كېرەك؛

  − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ، خالىغانچە ئالدىغا سۈرۈشكە بولمايدۇ؛

  − قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى داۋاملىق قىلىش ئوخشاشلا مۇھىم.

  كىشىنى خۇشال قىلىدىغان «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا دائىر بۇ ئالتۇن جۈملىلەر»نى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىل، ئەزالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا قىلغان.

  ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى − باش شۇجى تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

  2015-يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چىڭ، دەل جايىدا، ئاخىرىغىچە قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇش قەرەلىنى تەتۈر رەتكە تىزىپ، تەپسىلىي ھېسابات قىلىپ، بىرمۇ ئاز سانلىق مىللەت، بىرمۇ رايوننى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك.

  ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دوكلاتقا قاراپ چىقىش، مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى، ئەزالار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوي-خىيالى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىنى پىلانلايدۇ.

  2014-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسى يىغىنىدا ئەزالار بەس-بەستە سۆز قىلدى.

  باش شۇجى كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئەزالار بىلەن بىرلىكتە دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ ھەر قايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللەپ، راۋاجلىنىشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا توختالدى ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسلىھەتچى، ياردەمچى بولۇش رولى ۋە تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتچىلىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  كىشىلەرنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى باش شۇجى شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «كونا شىزاڭ روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي بوشاشماي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، 2020-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

  كىشىلەر گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، ۋەكىل ۋاڭ جىڭ سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھاياجانلانغان ھالدا بۇيى مىللىتىنىڭ خەلق ناخشىسى − «خاۋخۇاخۇڭ»نى ئېيتقانلىقىنى، باش شۇجىنىڭ ئۇنى ناخشىنى ياخشى ئېيتتىڭىز، دەپ ماختىغانلىقىنى ھەم ئۇنى يۇرتداشلارغا ئۆزىنىڭ ياخشى تىلىكى، سالىمى ۋە يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىغا بولغان تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

  باش شۇجى جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىدە مىللىيچە كىيىم كىيگەن لەن نيەنيىڭنى كۆرگەندە «سىز شىزۇ مىللىتىدىن» دەپ ئۇنىڭ مىللىتىنى بىلىۋالدى، «سەھرا ئارامگاھىنى قۇرۇۋالدىڭىزمۇ؟»، «سىلەر تۇرۇۋاتقان يەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇلدىمۇ؟». باش شۇجى ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىن غەم يېگەنىدى. مانا بۇلار ھېلىمۇ كىشىلەرنىڭ ئېسىدە.

  خېيلۇڭجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە خېجې مىللىتىدىن بولغان ۋەكىل ليۇ لېي باش شۇجىغا ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىنىڭ خۇددى «ئۇسسۇرىدىكى كېمىچىلەر ناخشىسى»دىكىدەك بەختلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا، باش شۇجىنىڭ: بۇ ناخشا خېلى بۇرۇنلا قۇلىقىمغا سىڭىپ كەتكەن، ناخشىدا جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق، گۈزەل تۇرمۇش كارتىنىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، دېگەنلىكى ھېلىمۇ كىشىلەرنىڭ ئېسىدە.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى تېلېۋىزوردىن لياڭشەن ئوبلاستىدىكى «تىك قىيالىق كەنت» توغرىسىدىكى خەۋەرنى، بولۇپمۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىققاندىكى ھالىتىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ئەنسىرىگەنىدىم، ئۇ يەرگە يېڭىدىن تۆمۈر شوتا ياسالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشتى.

  «ئەنسىرەش» بىلەن «كۆڭۈل ئارامىغا چۈشۈش» دېگەن بۇ سۆزلەردە باش شۇجىنىڭ خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى تەبىئىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەنىدى.

  كىچىك ئىشلاردا ئەكس ئەتكەن ھەقىقىي مېھرىبانلىق.

  «دېھقان-چارۋىچى ئاياللار ھازىر يەڭگىگەندە دوختۇرخانىغا بارامدۇ؟»، «كەنتتە ساقلىقنى ساقلاش ئۆيى بارمۇ؟»، «چىڭخەينىڭ بەزى جايلىرىنىڭ دائىرىسى بەك كەڭ، دېھقان-چارۋىچىلار كېسىلىنى دوختۇرغا قانداق كۆرسىتىدۇ؟». باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىل نياڭ ماۋشيەندىن مانا مۇشۇنداق ئارقا-ئارقىدىن سوئال سورىدى، بۇ سوئاللار چىڭخەي خۇاڭنەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىدىن كەلگەن دوختۇر نياڭ ماۋشيەننى «بەكلا جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن» ئىدى.

  ئەينى يىلى باش شۇجى ۋەكىل بى شېڭجۇڭ بىلەن پىكىرلىشىپ، يۇرتداشلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنىدى. بى شېڭجۇڭ خۇشال بولغان ھالدا باش شۇجىغا مۇنداق دېگەنىدى: بىزنىڭ ئۇ يەردىكى ئامما سىزگە بەكمۇ ئامراق!

  ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ باش شۇجى بىلەن سەمىمىي پىكىرلىشىشى دۆلەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە كېڭىشىش قىزغىنلىقىنى مۇجەسسەملەپ، يۈز مىليونلىغان خەلق ئارىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر