باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇسابىقە پائالىيىتى تۇنجى قېتىم جەمئىيەتكە تەۋسىيە قىلىندى

2017.03.15 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، تەسىرى بار، مۇسابىقە تۈزۈمى پىشىپ يېتىلگەن 44 خىل ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرىنى جەمئىيەتكە تەۋسىيە قىلدىكەن. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇسابىقە پائالىيىتىنى جەمئىيەتكە تەۋسىيە قىلىشى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ تەنتەربىيە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىغا قارىتا ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ئايرىش، باشقۇرۇش بىلەن قۇرۇشنى ئايرىش ئىسلاھاتىغا ئېلىپ بارغان پايدىلىق سىناق ھېسابلىنىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇپ تەۋسىيە قىلىنغان 44 تۈرلۈك مۇسابىقە پائالىيىتىنىڭ ئىچىدە، ئۆزى ئاپتومۇبىل ھەيدەش، ۋاسكېتبول، پۇتبول، ۋېلسىپىت مىنىش، مارافونچە يۈگۈرۈش قاتارلىق ئومۇمىي خەلق تەنتەربىيە تۈرلىرى بار بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پائالىيەتنى كېڭەيتىپ ئومۇملاشتۇرۇشتا تور ۋاسىتىلىرىدا تونۇشتۇرۇش ۋە پائالىيەت تەشۋىقات قوللانمىسى بىلەن تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن. پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنى كەسپىي تەنتەربىيە جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ باشچىلىقىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تەشكىللەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر