باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خەلقتىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ ئالايلى(1)

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىشىنى كېڭەشكەنلىكى توغرىسىدا

2017.03.15 14:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باھاردىكى تەنتەنىلىك يىغىندا دەۋرنىڭ كۈچلۈك ساداسى يەنە بىر قېتىم ياڭرىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بىر قانچە كۈندىن بۇيان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شاڭخەي، لياۋنىڭ، سىچۈەن، شىنجاڭ، ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدىن 5-يىغىنىغىچە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدىن 5-يىغىنىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 30 قېتىم ئۆمەك، گۇرۇپپىلارنىڭ قاراپ چىقىشى، مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، 230 دىن ئارتۇق ۋەكىل، ئەزانىڭ سۆزىنى يۈزتۇرا ئاڭلىدى. «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئىچكى سىياسەت، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش... باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، خەلقنى باشلاپ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ مەردانە قەدەم ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى.

  ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ

  «مەن ئاساسىي قانۇندا بېرىلگەن مەجبۇرىيىتىمنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولۇپ، ئۆز ۋەزىپەمنى تولۇق ئورۇنداپ، كېچە-كۈندۈز ئومۇمنى كۆزلەپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ۋەكىللەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويمايمەن ۋە ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن».

  تۆت يىل ئىلگىرىكى 2013-يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى «خەلق» سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭراپ، كۆپچىلىك ناھايىتى ھاياجانغا چۆمگەنىدى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا، يېڭىدىن دۆلەت رەئىسىلىكىگە سايلانغان شى جىنپىڭ خەلققە ئەنە شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بەرگەنىدى.

  ۋاقىت ئۇچقاندەك تېز ئۆتكەن بولسىمۇ، ئاشۇ قېتىمقى ۋەدە قۇلاق تۈۋىمىزدە ھېلىھەم جاراڭلاپ تۇرماقتا.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدىن 5-يىغىنىغىچە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدىن 5-يىغىنىغىچە، غەمخورلۇققا تولغان ھەر بىر قېتىملىق ئەھۋال سوراشلار، ھەر بىر ئېغىز يېقىملىق يول كۆرسىتىشلەر... مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىغان زال يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى قالتىس مۇساپىسىگە، خەلق خوجايىن بولۇشتەك ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتىگە شاھىت بولدى.

  خەلقتىن ئەقىل-پاراسەت، ھال-ئەھۋال سوراش، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، تىرىشچان-ياراملىق بولۇش. تۆت يىلدىن بۇيانقى بەش قېتىملىق يىغىندىكى ھەر قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇلغان، ھەمتۈرتكىلىك، تەسىرلىك مەنزىرىلەر كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.

  بۇ، قېرىنداشلىق مېھرى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان دوستلۇق −

  2017-يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە «خەلق» سارىيىنىڭ زىياپەت زالى رەڭگارەڭ پانۇسلار ئېسىلىپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى، ئەزالىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

  مەمەترېھىم مەمتىمىن باش شۇجىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانىدى، باش شۇجى ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، يەنە ئۇنىڭغا نەق مەيداندا كۆرسىتىلىۋاتقان ئويۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى.

  مەمەترېھىم مەمتىمىن: شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن شۇنچە يىراقتا بولسىمۇ، باش شۇجىنىڭ قەلبى بىزگە شۇنچە يېقىن، دېدى.

  بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، مەمەترېھىم مەمتىمىن بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشقانىدى.

  مەمەترېھىم مەمتىمىننىڭ ئالدىن بېكىتىلگەن سۆزى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇ يەنە باش شۇجىغا «مەن يەنە بىر ئىشنى دوكلات قىلماقچى»، دېدى.

  − قېنى سۆزلەڭ، − دېدى باش شۇجى.

  − ئەينى يىلى قۇربان تۇلۇم بېيجىڭغا كېلىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەنىدى. مەن بۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭنى كۆردۈم، − دېدى مەمەترېھىم مەمتىمىن. نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  − سىز يېقىندا قۇربان تۇلۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە جاۋاب خەت يېزىپتىكەنسىز. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ناھايىتى خۇش بولۇپ، ماڭا بىر قانچە سۈرەتنى سىزگە كۆرسىتىشىمنى، يەنە باش شۇجىنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى، بۇ يەردىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەڭگۈ پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى تاپىلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە سۈرەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن جان سانى كۆپ ئائىلە ئىكەن، مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا تېكىستتىن قۇربان تۇلۇمنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئوقۇغانىدىم.

  − ئۇلار ھازىرمۇ شۇ جايدىمۇ؟ ياكى باشقا جايغا كۆچۈپ كەتتىمۇ؟− دەپ سورىدى باش شۇجى.

  − كۆپىنچىسى شۇ كەنتتە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ، − دەپ جاۋاب بەردى مەمەترېھىم مەمتىمىن.

  ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تەرەپتە تۇرغان رەھبىرى باش شۇجىغا مۇنداق دەپ تونۇشتۇردى: مەمەترېھىم مەمتىمىن يېڭىدىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغاندا خەنزۇچە سۆزلىيەلمەيتتى، مۇشۇ ئىككى يىلدا ئۇ ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئوي-پىكرىنى راۋان ئىپادىلىيەلەيدىغان بولدى.

  − سىلەرنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە تېرىلغۇ يەر ئاز. كەنتىڭلاردا ھەر بىر ئائىلىنىڭ قانچىلىكتىن يېرى بار؟ − دەپ سورىدى باش شۇجى.

  − ھەر بىر ئائىلىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر مو ئىككى پۇڭدىن يەر توغرا كېلىدۇ.

  − ھازىر ئاشلىق تېرامسىلەر ياكى باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنامسىلەر؟

  − باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىمىز.

  − ئانار ئۆستۈرەمسىلەر؟

  − شۇنداق، ئانار ئۆستۈرىمىز.

  − ئاشلىق تېرىمامسىلەر؟

  − تېرىيمىز، كىرىشتۈرۈپ تېرىيمىز.

  باش شۇجى يەنە: بايا سۆزىڭىزدە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشنى تىلغا ئالدىڭىز، ئائىلەڭلار قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدىمۇ؟ دەپ سورىدى.

  مەمەترېھىم مەمتىمىن دادىللىق بىلەن: ھەئە، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشتۇق، دەپ جاۋاب بەردى.

  − سىز كىم بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدىڭىز؟

  − مەن پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرىدىغان بىرەيلەن بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدۇم، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خەنزۇ يولداشلار بىزنى ئىزدەپ كەلدى، بىزمۇ ئۇلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىدۇق، بىز خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىللە ئەمگەك قىلىمىز.

  − قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشنى ئەستايىدىل، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ماڭا يۇرتۇڭلاردىكى شۇنچە كۆپ ئەمەلىي ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، − دېدى باش شۇجى.

  مەمەترېھىم مەمتىمىن: پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى! دېدى. باش شۇجى شى جىنپىڭمۇ جاۋابەن: ياخشى! دېدى.

  بۇ بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز پىكىر ئالماشتۇرۇش −

  2016-يىلىدىكى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گۈيدې ناھىيەسى خېيىن بازىرى داشىجيا كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بى شېڭجۇڭ بىلەن 20 مىنۇتقا يېقىن پاراڭلاشقانىدى.

  − كەنتىڭلاردا نېمە زىرائەت تېرىيسىلەر، كالا-قوي باقمىچىلىقى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى قانداق؟ كەنتىڭلاردىكى خۇمداندا ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقى مەسىلىسى بارمۇ-يوق، كەنتىڭلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى قانداق؟...بى شېڭجۇڭ باش شۇجىنىڭ بۇنچىۋالا تەپسىلىي سورايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

  بۇ يىل يەنە بېيجىڭغا خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن ۋەكىل بى شېڭجۇڭ باش شۇجىغا: كەنتىمىز ئەسلىدىكى خۇمداننى تاقاپ، يېڭىدىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى زاۋۇتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، كەنتىمىزدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى بىلەن پاسكىنا سۇنى مەركەزلەشتۈرۈپ زامانىۋى بىر تەرەپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كەنتىمىزنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى! دېيىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلدى.

  بۇ بىر پارچە ئۈمىدكە تولغان خەت −

  2015-يىلىدىكى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، گەنجۇدىن كەلگەن ۋەكىل مىڭ جىڭخۇا 100 ياشلىق پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى ۋاڭ چېڭدېڭنىڭ باش شۇجىغا يازغان بىر پارچە خېتىنى ئالغاچ كەلگەنىدى، ۋاڭ چېڭدېڭ خېتىدە: دۆلەتنىڭ گەننەننىڭ چاي ئۇرۇقى مېيى قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىنى، باش شۇجىنىڭ گەننەنگە بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگەنىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ خەتنى ئېلىپ قېلىپلا قالماستىن، يەنە جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا خەتنى كۆپچىلىككە ئوقۇپ بەردى.

  ۋەكىل مىڭ جىڭخۇا ئەسلەپ مۇنداق دېدى: مەن سۆزۈمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى تىلغا ئالغىنىمدا، باش شۇجىغا گەننەننىڭ مايلىق چاي كەسپىنى مەخسۇس تونۇشتۇرغانىدىم، باش شۇجى بۇ ئىشنى شەخسەن سۈرۈشتۈرۈپ، گەننەننىڭ مايلىق چاي كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانىدى.

  مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» خۇددى كۆزنەككە ئوخشايدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇشۇ يەردىن ئاساسىي قاتلامنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، خەلقنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ. خەلقمۇ مۇشۇ كۆزنەك ئارقىلىق باش شۇجىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، دۆلەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشتەك ساپ ھېسسىياتىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى كۆرىدۇ.

  خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى ئېلىپ، خەلق ئارىسىغا بېرىش.

  ئەستايىدىل كىشىلەر بەزى قانۇنىيەتلەرنى يەكۈنلەپ چىقتى. مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ھەمىشە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بەزى ئۆلكىلەرنى تاللاپ، نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ.

  2013-يىلى باش شۇجى لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدا ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغانىدى. باش شۇجى شۇ يىلى 8-ئايدا داليەن، شېنياڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كونا سانائەت بازىلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ ئۆزگەرتىش ۋە گۈللەندۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  2014-يىلى باش شۇجى شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى نۇقتىلىق تەكىتلىگەنىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىغا كېلىپ، كارخانا، سانائەت رايونى، پەن تەتقىقات بازىلىرىنى ئارىلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شاڭخەينىڭ داۋاملىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ۋە ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنىڭ باشلامچىسى بولۇشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  2015-يىلى باش شۇجى جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرگەن، جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلگەنىدى. تۆت ئايدىن كېيىن، باش شۇجى «پۈتۈشكىنى بويىچە» چاڭبەيشەن تېغى ئېتىكىگە كېلىپ، ئېتىز بېشىدا كادىرلار، ئامما بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى؛ شۇنىڭدىن كېيىنكى دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغان ھارپىسىدا، ئۇ يەنە جىڭگاڭشەندىكى نامرات كەنتكە كېلىپ، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلققە چاغانلىق بەخت تىلىدى. جىڭگاڭشەننىڭ ماۋپىڭ يېزىسى شېنشەن كەنتىدىكى 75 ياشلىق دېھقان پېڭ شۈيشېڭ باش شۇجىنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا باشمالتىقىنى چىقىرىپ: يارايسىز! دېدى.

  2016-يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭ، چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شۇ يىلى 5-ۋە 8-ئايدا ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خېيلۇڭجياڭ ۋە چىڭخەي ئۆلكىسىگە بېرىپ تەكشۈردى. چوڭ ھىنگان تېغىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانى، خېجې مىللىتى يېزىسى، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى، ئۈچ دەريانىڭ ئەسلىي ئېكولوگىيەسىنى قوغداش... باش شۇجى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا ئېتىبارغا ئېلىنغان مەسىلىلەر، ئىگىلىگەن ئەھۋاللار بويىچە ئائىلىلەرگە كىرىپ خەلقنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئەلرايىنى ئىگىلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنىڭ ساداسىغا سەمىمىي قۇلاق سالدى، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل جاۋاب بەردى، ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. بۇ يىلقى يىغىندا نۇرغۇن ۋەكىل خۇددى كېلىشىۋالغاندەك باش شۇجىنى «باش شۇجى، يۇرتىمىزغا بېرىپ كۆرۈپ بىزگە تېخىمۇ كۆپ يول كۆرسىتىڭ»، دەپ تەكلىپ قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: كۆپچىلىكنىڭ «تەكلىپنامە»سىنى قوبۇل قىلدىم، پۇرسەت بولسىلا چوقۇم بارىمەن، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر