باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

25- مارتتىن باشلاپ شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولايلى» ناملىق ئالاھىدە تېز يولۇچى پويىزى قاتنايدۇ

2017.03.15 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ خوتەندە ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 3- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن باشلاپ، تۆمۈر يول تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە ماڭىدىغان T9526/7 ، T9528/5 قېتىملىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولايلى» ناملىق ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى ھەيدەيدىكەن.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولايلى» ناملىق ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلىتى 15 – مارت 9:30دىن باشلاپ سېتىلىدۇ، بېلەت باھاسى يېڭىچە ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك پويىزنىڭ بېلەت باھاسى بويىچە بولۇپ، قاتتىق ئورۇندۇقنىڭ بېلەت باھاسى 217 يۈەن، قاتتىق كارىۋاتلىق ۋاگوننىڭ ئوتتۇرا كارىۋىتىنىڭ بىلەت باھاسى 383 يۈەن، يۇمشاق كارىۋاتلىق ۋاگوننىڭ ئاستىنقى كارىۋاتىتىنىڭ بىلەت باھاسى 611 يۈەن. يولۇچىلار تور ۋە تېلېفون (يانفون ئەپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئارقىلىق، ياكى ۋوگزالنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكى، ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى ۋە ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ.

  ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە ماڭىدىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولايلى» ناملىق ئالاھىدە تېز يولۇچى پويىزىنىڭ قاتنىشى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەقسىتىدە، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇليەتنى زىممىسىگە ئېلىشىدەك كونكرېت ئەمەلىيىتى ھىسابلىنىدۇ، ھەم شۇنداقلا تۆمۈر يولنىڭ شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئاممىۋى قاتناش ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرى ھىسابلىنىدۇ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممسسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، كەڭ يولۇچىلار ئۈچۈن تىنچ ، تېز ۋە ئىللىق بولغان سەپەر مۇلازىمەت سۇپىسىنى قۇرۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلار بىلەن بولغان ئادەم، مال ۋە ئۇچۇر جەھەتتىكى ئالاقىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر