باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ساياھەت ئىدارىسى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىرلىشىپ، «خىيالىي سەپەر» توردا شاخلىتىپ سېتىشتىن ئاگاھ بولۇشنى ئەسكەرتتى

2017.03.15 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندىن بېرى، بىر قىسىم تەشكىلات ۋە شەخسلەر چېگرا سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ «ساياھەتنى بىۋاسىتە سېتىش» نامىدا، ئەڭ تۆۋەن باھادا ساياھەت قىلىش، بىر تەرەپتىن ساياھەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن پۇل تېپىش قاتارلىق ناملار بىلەن ئىستېمالچىلارنى ھەق تاپشۇرۇپ ئەزا بولۇش، ئەزالارنى تۆۋەن لىنىيەدە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قىزىقتۇرماقتا. تۆنۈگۈن، مەملىكەتلىك ساياھەت ئىدارىسى، دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىرلىشىپ، ئاتالمىش «WV خىيالىي سەپەر (WorldVentures)» تۈرىنىڭ توردا شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، ئىستېمالچىلارنىڭ توزاقتىن يىراق تۇرۇپ، مال- مۈلۈكىگە زىيان يېتىشتىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتتى.

  «WV خىيالىي سەپەر (WorldVentures)» تۈرى توردا تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى ئەزالىق بەدىلى ئايلىق ھەققى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇپ ئەزا بولۇشقا قىزىقتۇرۇپ، شېرىكانە، ساياھەت جەملىمە نومۇرى ۋە ئايلىق ھەققى ئېلىشنى يەمچۈك قىلىپ، ئەزالارنى تۆۋەن لىنىيەدە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈشكۈرتكەن. ئەزالار ھەرقايسى تەۋسىيە مۇناسىۋىتى بىلەن قۇرۇلغان ئەترەتكە تەۋە بولۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، كۆپ قاتلاملىق، پىرامىدا شەكىللىك تەشكىلىي قۇرۇلمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مەملىكەتلىك ساياھەت ئىدارىسى، دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ «شاخلىتىپ سېتىشنى مەنئى قىلىش نىزامى»دا كۆرسىتىلگەن شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈردى. «WV خىيالىي سەپەر (WorldVentures)» تەۋە كارخانا دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقى رايونىدا تىزىمغا ئالدۇرمىغان بولۇپ، ساياھەت تىجارىتى سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە بىۋاسىتە سېتىش تىجارەت ئىجازىتى ئالمىغان (ئېلىمىزنىڭ بىۋاسىتە سېتىش مەھسۇلات دائىرىسى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولۇپ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر