باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نامرات بالىلار ئۈچۈن داۋالىنىش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

2017.03.14 17:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- مارت، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل «رۇ شىن جۇڭخۇا بالىلار يۈرەك كېسىلى فوندى»نىڭ جامائەت پاراۋانلىقى قۇتقۇزۇش تۈرى باشلاندى .

  شۇ كۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ دائىرىسىدە 14 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى تۇغما يۈرەك كېسىەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلار تۇرۇشلۇق جايىدىن نامراتلىق ئىسپاتى ئېلىپ، ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسىدا ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش مەزگىلىدە ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. داۋالىنىش ياردەم پۇلى بەش مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، ئالاھىدە كېسەللىككە قۇتقۇزۇش پۇلىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشكە بولىدىكەن. مەسلىھەت سوراش تېلېفونى 0991-3849495 .

  ئىگىلىنىشىچە، 2012- يىلى شىنجاڭ رايونىغا ياردەم بېرىش پىلانى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا 291 نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلار بۇ قۇتقۇزۇش تۈرىدىن بەھرىمەن بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر