باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12مىليون950 مىڭ نەپەر يېزا ئوقۇتقۇچىسى تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى

مەزكۇر ياردەمنىڭ قاپلاش نىسبىتى %96گە يەتتى

2017.03.16 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «2016- يىلى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» (قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نىڭ روھىغا ئاساسەن، 2016- يىلنىڭ ئاخىرغىچە، 684 ناھىيەدىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى يولغا قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ياردەمنىڭ قاپلاش نىسبىتى %97گە يەتكەن، ھەمدە 2015- يىلدىكىدىن %15 ئاشقان؛ 684 ناھىيەدە 83 مىڭ يېزا مەكتىپى ۋە بىر مىليون 355 مىڭ نەپەر يېزا ئوقۇتقۇچىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 81 مىڭ مەكتەپتىكى بىر مىليون 295 نەپەر ئوقۇتقۇچى مەكتەپنىڭ قوشۇمچە تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان، مەكتەپ ۋە يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %98 ۋە %96گە يەتكەن بولۇپ، 2015- يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %2 ۋە %4 ئاشقان.

  «ئۇقتۇرۇش»نىڭ مەزمۇنى بولسا، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايون ناھىيەلەردىكى 21 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ 22 ئۆلكە دەپ ئاتىلىدۇ)نىڭ 2016 ـ يىللىق يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىدىن ئىبارەت. «ئۇقتۇرۇش»تا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ ساندىكى ئۆلكىلەر ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايون-ناھىيەلەردە يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئاساسىدا، بۇ خىل سىياسەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. بۇنىڭدىن سىرت، 2016- يىلى جايلارنىڭ ياردەم مەبلىغى تۆت مىليارد 430 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، 2015- يىلدىكىدىن 990 مىليون يۈەن كۆپەيگەن بولۇپ، كۆپىيىش نىسبىتى %28.8 ئۆسكەن. جايلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى 284 يۈەنگە يېتىپ، 2015- يىلىدىكىدىن 22 يۈەن كۆپەيگەن، ھەمدە كۆپىيىش نىسبىتى % 8.3 ئۆسكەن.

  «ئۇقتۇرۇش»تا دېيىلىشىچە: يەنە مەزكۇر سىياسەتنى يولغا قويغان بەزى ناھىيە مالىيە خام چوت سەۋەبىدىن يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى جايىدا ئەمەلىيىلەشتۇرمىگەن. بىر قىسىم ئۆلكىلەرنىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىنىش دائىرىسى تار بولۇپ قالغان، ئاز ساندىكى ئۆلكىلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىش نىسبىتى 90%كە يەتمىگەن. بۇ سىياسەتنى يولغا قويغان قىسمەن ناھىيەلەرنىڭ ياردەم بېرىش ئۆلچىمى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرىچە ئايلىق ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى 200 يۈەندىن تۆۋەن بولغان ناھىيە %16نى ئىگىلىگەن، ھەتتا بەزىلىرى 100 يۈەنگىمۇ بارمايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر