باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ "ئوسكار مۇكاپاتى"غا ئەسەر تىزىملىتىش باشلاندى

2017.03.16 16:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ "ئوسكار مۇكاپاتى" دەپ نام ئالغان "كۆرك مۇكاپاتى" مىكرو كىنو مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن ئەسەر تىزىملىتىش خىزمىتى باشلاندى، ئەسەر قاتناشتۇرغۇچىلار 1-مارتتىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆرك ئىستۇدىيەلىرىدە تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن، ئەسەر تاپشۇرۇش ۋاقتى 2017 -يىلى 1-ئىيۇنغىچە بولىدىكەن.

  بۇ نۆۋەتلىك "كۆرك مۇكاپاتى" مىكرو كىنو مۇسابىقىسى ئاۋۋالقى ئىككى نۆۋەتلىك مىكرو كىنو مۇسابىقىسىگە سېلىشتۇرغاندا ئاجرىتىلغان مەبلەغ، كەسپىيلىكى، كۆلىمى شۇنداقلا مۇسابىقە ئۆلچىمى جەھەتلەردە يەنىمۇ بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئەسەر قاتناشقۇچىلار يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشىش بىلەن بىرگە ئەسەرلىرىنى ئىقتىسادىي قىممەت ئايلاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن.

  بۇ يىلقى كۆرك مۇكاپاتى مىكرو كىنو مۇسابىقىسىدە، مۇكاپات تۈرى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، مۇقىم باھالاش تۈرلىرى بىلەن تاللاپ باھالاش تۈرلىرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن. مۇقىم باھالاش تۈرىدىكى مۇكاپاتلار ھەربىر تۈر بويىچە بىردىن مۇكاپات نامزاتى تاللاپ چېقىلىدىكەن، تاللاپ باھالاش تۈرىدىكى مۇكاپاتلاردىن ئەڭ ياخشى چىققان نەچچە تۈردىن مۇكاپات نامزاتى تاللاپ چېقىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر