باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندىكى مۇھىم سۆزىنى قىزغىن مۇنازىرە قىلدى

2017.03.16 16:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندىكى مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس بەستە بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، بىز جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زور ئۈمىدىنى يەردە قويماي، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ ئىشلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭ زېمىنىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز، دېيىشتى.

  ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دۈەن چاڭيۇۋ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقان خەۋىرىنى تېلېۋىزوردا كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بىزنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشىمىزغا تېخىمۇ ئىلھام بەردى، دېدى.

  جىمىسار ناھىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سەنتەي بازىرى لاۋجۇاڭۋەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى لى مىڭيىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، سۆزىدە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى داۋاملىق مەركىزى ۋەزىپە قىلىشنى ئېنىق بىلدۈردى، بىز بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدۇق. بىز ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەملىشىپ، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلەيمىز.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى تاشقى مەبلەغ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جۈ شيا مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق لىنىيەسى، مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن.

  ئارىشاڭ ناھىيەسى بازار باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مامۇتجان يۈسۈپجان مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا بولغان غەمخورلۇقى، شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا بولغان دىققەت ئېتىبارىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، مەن ھەر بىر ئوقۇغۇچۇمنى ياخشى تەربىيەلىگەندىلا، تېخىمۇ كۆپ يېزا بالىلىرىنى ئەلا ئوقۇتۇش بايلىقىدىن بەھرىمەن قىلالايمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر