باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ئەتراپتىكى يول مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بەش كۈندە 3000 توننىدىن ئارتۇق ئەخلەتنى تازىلىدى

2017.03.16 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاۋا تەدرىجىي ئىللىپ، قار-مۇزلار ئېرىش بىلەن، ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قار ئاستىدا قالغان ئەخلەتلەر كۆرۈنۈشكە باشلىغان. يېقىنقى كۈنلەردە، ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى 20 نەچچە دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە بويىدىكى ئەخلەتلەرنى ئالا قويماي تازىلاپ، 3- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە، بەش كۈن ئىچىدىلا 3000 توننىدىن ئارتۇق ئەخلەت تازىلاپ چىقتى.

  13- مارت، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يول دائىرسىدىكى مۇھىتنى تۈزەش 15 كۈن داۋاملىشىش مۆلچەرلەنگەن، بۇ ئىدارە 1000دىن ئارتۇق كادىر، ئىشچىلارنى تەشكىللەپ، ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى دۆلەتلىك ۋە ئۆلكىلىك غول لىنىيەلەردىن 20 نەچچە لىنىيەدە ئەخلەتلىرىنى تازىلاپ، دولقۇنسىمان رېشاتكىلارنى يۇيۇپ، يول بويىدىكى بەلگە تاختىلىرىنى سۈرتۈپ، ئورەك، ئوقۇر، كۆۋرۈك بۇلۇڭلىرىدىكى يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلاپ، كۆۋرۈك ئاستىدىكى مۇزلارنى چىقىرىپ تاشلىغان.

  ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى جەنۇبى شەھەر ئاسراش پونكىتىنىڭ ئىشچىسى گاۋ شىنفېڭ مۇنداق دېدى: «تارماق ئىدارىنىڭ بىر كۈندە تازىلىغان ئەخلىتى200 نەچچە توننا كېلىدۇ، ئەخلەتلەر ئىچىدە سۇلياۋ خالتا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. يەنىلا جەمىئەتتىكى شوپۇر ۋە يولۇچىلارنىڭ مەدەنىي يول يۈرۈش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، بىزدەك تاشيول بىرىنچى سېپىدە ئىشلەۋاتقان يول ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى كۆپرەك چۈشىنپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئەخلەتلەرنى خالىغانچە تاشلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز، بولمىسا ھەم مەدەنىيەتسىزلىك بولىدۇ، يەنە باشقىلارغا زەخىم يەتكۈزىشى مۇمكىن.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر