باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيەسى ئۇچۇش ئىنىستىتۇتى 2017- يىلى شىنجاڭدىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

4- ئاينىڭ 1- كۈنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ

2017.03.16 17:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيەسى ئۇچۇش ئىنىستىتۇتى 2017- يىلى نىشانلىق ھالدا شىنجاڭدىن ھاۋادا ئىش بېجىرىش كەسپى ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنى قوغداش كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. تىزىملىتىش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 10دىن 17گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېھمان كۈتۈش يولى 1341 نومۇرلۇق جەنۇب ئاۋىياتسىيە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئېىلپ بېرىلىدۇ.

  3- ئاينىڭ 15- كۈنى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيەسى ئۇچۇش ئىنىستىتۇتى 2017- يىلى نىشانلىق ھالدا شىنجاڭدىن ھاۋادا ئىش بېجىرىش كەسپى ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنى قوغداش كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى نىشانلىق قوبۇل قىلىدىكەن. تىزىملىتىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى خەنزۇ تىلىدا بېرىش شەرتىگە چۈشىدىغان، سالامەتلىكى خەلق ئاۋىئاتسىيەسى ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، يېشى 20 ياشتىن ئاشمىغان (1996- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان) تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن بولغان بۇ يىلقى ياكى ئىلگىرىكى ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار (چەت ئەل تىلى ئىنگىلىزتىلى بولۇشى كېرەك) تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن.

  ئىمتىھان بېرىش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلار، ئۆزىنىڭ 2- ئەۋلاد كىملىكى (ياكى نوپۇس دەپتىرى)نى، يېقىندا تارتىلغان، ئىككى پارچە يالاڭباش چۈشكەن بىر سۇڭلۇق رەڭلىك رەسىمنى ئېلىپ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا تىزىملاتسا بولىدۇ، يۈز تۇرانە ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىدۇ. يۈز تۇرا ئىمتىھاندا ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلار مۇناسىپ كەسپنىڭ لاياقەتلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، مۇناسىپ كەسپنى تولدۇرۇشى كېرەك، ئوقۇغۇچىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن، نەتىجىسى ياخشىلار ئالدىن قۇبۇل قىلىنىدۇ.

  جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيەسى ئۇچۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ 2017- يىلى شىنجاڭدىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەپسىلاتىغا قىززىقسىڭىز، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn/)غا چىقىپ سۈرۈشتۈرسىڭىز بولىدۇ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ مەسلىھەت سوراش تېلېفونى(0991-3804015) غا تېلفون قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر