- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدا ھوقۇققا چېقىلىش دېلولىرى ئېلان قىلىندى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىدى
2017.03.16 17:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭدا بۈگۈن « ئىستېمالنى ماسلاشتۇرۇپ، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دېگەن تېمىدا خاتىرىلەش يىغىنى ئېچىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016 ـ يىللىق ئۈرۈمچى سودا-سانائەت ئىدارىسى 12315 سۇپىسىدا 13 مىڭ پارچە ئەرزىنى قوبۇل قىلغان، 2015- يىلىغا قارىغاندا %14.79 ئۆرلىگەن. كۆپ خىل ئەرز-شىكايەت قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ پەيدا بولۇشى، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز قىلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.
سودا سانائەت تارماقلىرى ئىستېمالچىلار ئۈچۈن مۇكەممەل ئەرز قىلىش مېخانىزمى ئورناتقاندىن باشقا، نۇرغۇن ئادۋوكاتلارمۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارىغا كىردى، 3.15 ئىستېمالچىلار ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش ئادۋوكاتلار قوشۇنىنىڭ ئەزاسى دۇڭ لېي مۇنۇلارنى دېدى: ھازىرقى مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئورگانلار ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش بازىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئادۋوكاتنىڭ قانۇن ياردىمى بېرىش ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئىلتىماس قىلسا، بىزمۇ ياردەم بېرىمىز، ۋاكالەت خىراجىتىنى يۈزمۈيۈز بەرگەنلەرگە قارىتا، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەدلىيە سىرتىدىكى بەزى رەسمىيەتلەر بويىچە بىرتەرەپ قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر