باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى «بىر يۈەن پۇل» قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تارقىتىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى

2017.03.16 17:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- مارت، ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى «بىر يۈەن پۇل» قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تارقىتىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى نازارەت، ئورگان، مەكتەپلەردىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشى ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت يەتكۈزدى. ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار ئىتتىپاق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، قىسمەن نازارەت، ئىدارىلەر ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، مەكتەپلەرنىڭ ئىتتىپاق كومىتېتى شۇجىسى، ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ 230 ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.

  «بىر يۈەن پۇل» قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتى ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار ئىتتىپاق خىزمىتى كومىتېتى 1997- يىلى باشلىغان بولۇپ، ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگان مەكتەپلەردىكى ئۆگىنىشتە ئەلا، پەزىلىتى ياخشى، ئائىلە ئىقتىسادى ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىدىغان بىر پاراۋانلىق پائالىيەت. پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن 20 يىلدىن بۇيان، ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار، ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. ھازىرغا قەدەر ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بىر مىليون 100 مىڭ يۈەن توپلىنىپ، ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار، مەكتەپلەردىكى ئىقتىسادى ناچار، ئۆگىنىشتە ئەلا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ 1645 نەپەر ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر