باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى

بۇ يىلدىن باشلاپ يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى تېخنىكا بويىچە تەربىيىلەش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ

2017.03.16 17:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بۈگۈن ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدا ئېچىلغان يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى تېخنىكا بويىچە تەربىيىلەش خىزمىتى تاراتقۇلار خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگەللىشىچە، بۇ يىل ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ كۆلىمى بىر تىرىليون 500 مىليارت يۈەنگە يېتىپ، 2016- يىلىغا قارىغاندا %50 ئاشتى، ئاپتونۇم رايونىمىز مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ. بۇ يىلدىن باشلاپ 2020- يىلىغىچە، ھەر يىلى ئاز بولغاندىمۇ 300 مىڭ كىشىنى «ئاساسى تېخنىكا بويىچە تەربىيىلەش» ۋە «تېخنىكا ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيىلەش»كە قاتناشتۇرۇپ، مۇقىم مۈلۈك مەبلەغ سېلىنمىسى تۈرلىرى قۇرۇلۇشىدىكى ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى تەمىنلىنىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆستۈرۈلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر