باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

زۇڭلى لى كېچياڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

2017.03.16 17:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى 15-مارت چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىن باياناتچىسى فۇ يىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى باشلانغاندا لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئاڭلىسام، كېلىدىغانلار كۆپ بولغانلىقتىن، نۇرغۇن مۇخبىر ئىككى-ئۈچ سائەت بۇرۇنلا بۇ يەرگە كېلىپ بوپتۇ، كۆپچىلىك جاپا تارتتىڭلار، بۇ ھەم سىلەرنىڭ كەسپىي روھىڭلارنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ «ئىككى يىغىن» خەۋىرى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ۋاقىت چەكلىك، شۇڭا نەق گەپكە كېلەيلى، كۆپچىلىكنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى خالايمەن.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ مۇخبىرى: زۇڭتۇڭ ترامپ جۇڭگوغا قارىتا ئىزچىل بەزى تەنقىدىي سۆزلەرنى قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىش ئورنىنى ئوغرىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جۇڭگونىڭ پېرېۋوت نىسبىتى سىياسىتى ۋە جۇڭگونىڭ رايون بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى تەنقىدلىدى. ئىگىلىشىمىزچە، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئەڭ بالدۇر بولغاندا كېلەر ئايدا كۆرۈشۈشى مۇمكىنكەن. بىز ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر ئاز ئۇقۇمغا ئىگە بولدۇق، ئۇنداقتا جۇڭگو ئامېرىكىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ جۇڭگونىڭ ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئاخىرقى چېكى نېمە؟ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇشۇنداق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟ ياكى بۇنى بىر قەدەر جاپالىق دەپ ئويلامسىز؟

  لى كېچياڭ: سىزنىڭ سوئالىڭىز بۇلتۇر 9-ئايدا ب د ت يىغىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقىلى بارغاندا، ئامېرىكا نىيۇيوركتىكى ئىقتىساد كۇلۇبىدا سۆزلىگەن نۇتۇقۇمنى ئەسلەتتى، شۇ چاغدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى كەسكىنىلىشىۋاتقان بولۇپ، بىرى مەندىن: يېڭى زۇڭتۇڭ سايلانسا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولامدۇ؟ دەپ سورىغانىدى. مەن: كىمنىڭ زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن ئۆتكۈزسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، بۇنىڭغا ئۈمىدۋار پوزىتسىيە تۇتىمەن، دەپ جاۋاب بەردىم. ترامپ زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زۇڭتۇڭ ترامپ ۋە ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىدى، بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇنداق سىياسىي ئاساستا، جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر