باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى «ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى دەۋرى» نى ئاچتى

2017.03.16 17:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ باشلىنىشى بولغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى» 15-مارت، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. جۇڭگونىڭ ھەق تەلەپ قانۇن-تۈزۈمى شۇنىڭدىن باشلاپ «ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى دەۋرى» نى باشلايدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە كومىتېتلىرى ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى ۋە ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىشنى قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى قىلدى. ھەق تەلەپ كودېكسى ئومۇمىي پىرىنسىپ قىسمى ۋە تارماق قىسىملاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قانۇن چىقارغۇچى ئورگانلار بۇنىڭدا نەرسە ھوقۇقى قىسمى، توختام قىسمى، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىسمى، مەسئۇلىيەت قىسمى، تويلىشىش ۋە ئائىلە قىسمى، ۋارىسلىق قىلىش قىسمى قاتارلىقلارنى نەزەردە تۇتتى.

  ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىدە، ھەق تەلەپ قانۇنى ئاساسىي پىرىنسىپى، ھەق تەلەپ ئىشلىرى سۇبيېكتى، ھەق تەلەپ ئىشلىرى ھوقۇقى، ھەق تەلەپ ئىشلىرى ھەرىكىتى، ھەق تەلەپ ئىشلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە دەۋا سۈرۈكى قاتارلىق ئاساسىي ھەق تەلەپ ئىشلىرى قانۇن-تۈزۈمى بەلگىلىمىلىرى چىقىرىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرى قانۇن-تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي رامكىسى بەرپا قىلىنىپ، ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىنى تۈزۈشكە ئاساس سېلىندى.

  ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسى قارىشىغا ۋارىسلىق قىلىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ھەق تەلەپ ئىشلىرى سۇبيېكىتىلىرىنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىختىيار قىلىش پىرىنسىپى، ئادىل بولۇش پىرىنسىپى، سەمىمىي بولۇش پىرىنسىپى قاتارلىقلار؛ بايلىق تېجەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇش؛ قانۇنغا، جامائەت تەرتىپى ۋە ياخشى ئۆرپ-ئادەتكە خىلاپلىق قىلماسلىق تەكىتلەندى.

  ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى قانۇن-تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەمەللەشتۈرۈش تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەق تەلەپ ئىشلىرى ھوقۇقىنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، ھەق تەلەپ ئىشلىرى سۇبيېكىتىلىرىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنىڭ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى قىسىملىرى ۋە ھەق تەلەپ ۋە سودىغا دائىر ئالاھىدە قانۇنىدا ھەق تەلەپ ئىشلىرى ھوقۇقىنىڭ كونكرېت بەلگىلىنىشىگە ئاساس سېلىندى.

  ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى ماقۇللانغاندىن كېيىن، ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپىدا بەلگىلەنگەن توختام، ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە باشقا مال-مۈلۈك ھوقۇقى، ھەق تەلەپ ئىشلىرى مەسئۇلىيىتى قاتارلىق كونكرېت مەزمۇنلارنى ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ قىسىملىرىنى تۈزگەندە يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە، سىستېمىلىق بىرلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى ماقۇللانغاندىن كېيىن، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپى ۋاقتىنچە بىكار قىلىنمايدۇ، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى بىلەن ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپىدىكى ئوخشىمىغان بەلگىلىمىلەردە، يېڭى قانۇن كونا قانۇندىن ئەۋزەل بولۇش پىرىنسىپ بويىچە، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تەدبىقلىنىدۇ.

  ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىشى، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنى تۈزۈش خىزمىتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنىڭ تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 2-قەدەمدە، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ قىسىملىرى تۈزۈلۈپ، 2018-يىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باسقۇچلارغا بۆلۈپ قاراپ چىققاندىن كېيىن، 2020-يىلى، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ قىسىملىرى بىلەن بىللە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇلۇپ، بىرلىككە كەلگەن ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر