- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى مۇھاكىمە يىغىنى ئالمۇتادا ئېچىلدى
2017.03.16 17:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- مارت، «رايونىنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدىكى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى» مۇھاكىمە يىغىنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى قازاقىستان- گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنى جۇڭگونىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى بىلەن قازاقىستان-گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ۋە رايون ھەمكارلىقى تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان .
جۇڭگونىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جاڭ ۋېي، قازاقىستان-گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ۋە رايونلار تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سۇلتاننوۋ ۋە قازاقىستان ھەرقايسى تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىن كەلگەن 10 نەچچە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن يىغىنغا قاتناشتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئوتتۇرا ئاسىيا بىخەتەرلىكى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر