باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيەدە 5- ئاينىڭ 9- كۈنى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2017.03.16 17:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتىگەن دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسى خۇاڭ كيۇئەن 15- مارت كورېيە 19- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى 5- ئاينىڭ 9- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  خۇاڭ كيۇئەن شۇ كۈنى ۋاقىتلىق دۆلەت ئىشلىرى يىغىنىدا دۆلەت ئىشلىرىنى يۈزگۈزۈش ۋە سايلام ئادىللىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پات يېقىندىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇندىن بۇرۇن، خۇاڭ كيۇئەن يوشۇرۇن سايلامغا قاتناشقۇچى دەپ قارالغان.

  كورېيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ سوت مەھكىمىسى 10- مارت شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭ پاك گيۇنخاي ئەرز قىلىنغان دېلوسىغا قارار چىقاردى، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، كورېيە 60 كۈن ئىچىدە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈش كېرەك ئىكەن. كورېيە ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلار 3- ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 4- ئاينىڭ بېشىدا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان پارتىيە ئىچى نامزاتىنى سايلاپ چىقىشى مۆلچەرلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر