- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارالدا كۆرۈلگەن جىددىي كەيپىياتنى تۆۋەنلىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن
2017.03.16 17:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- مارت چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ 3- قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالىدا 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى .
ياپونىيە ئىقتىساد ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى سوئال سورىدى: مەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسى توغرىسىدا بىر سوئال سوراي. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تىررېنىلارسېن ئەپەندى بۈگۈندىن باشلاپ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە جۇڭگو ۋە كورېيەدە زىيارەت قىلىدىكەن. سىرتتىكىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش. نۆۋەتتە، چاۋشيەن داۋاملىق تۈردە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ، يادرو قوراللىرى پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي شىمالى ئاسىيا ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن جىددىي ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا، جۇڭگو قانداق تەدبىر ۋە ھەرىكەت قوللىنىپ، رايوننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىدۇ؟ جۇڭگو قانداق قىلىپ ياپونىيە دېگەندەك ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاتالمىش چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ؟
لى كېچياڭ: جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئېنىق ۋە ئىزچىل، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. ب د ت تەرىپىدىن ماقۇللانغان ئالاقىدار قارارلارغا نىسبەتەن، جۇڭگونىڭ پوزىتسىيەسى ئىزچىل روشەن، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك قەتئىي ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو باشتىن ئاخىرغىچە يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولۇپ كەلمەكتە. راست، يېقىندىن بۇيان يېرىم ئارال ھەتتا شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا جىددىي كەيپىيات بارلىققا كەلدى. بۇ خىل جىددىي كەيپىياتنىڭ توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بار، بۇنداق ئەھۋالدا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم زىيانغا ئۇچرايدۇ. بىزنىڭ ئۈمىدىمىز شۇكى، ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىپ، ھەممەيلەننى سۆھبەتلىشىش يولىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مەسىلىنى ھەل قىلىشتۇر. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ھېچكىم ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىدا كۈن بويى جېدەل توختىماسلىقنى خالىمايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر