خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملاپ، 15-مارت چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار تەستىقلاندى؛ ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى ماقۇللاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 66-نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى؛ يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار قاتارلىق قانۇنىي ھۆججەتلەر ماقۇللاندى.
يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2924 كىشى بولۇپ، 2838 كىشى قاتناشتى، 86 كىشى قاتنىشالمىدى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.يېپىلىش يىغىنىغا قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.
شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى ۋە قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن لى جيەنگو، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، ۋاڭ چېن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، جاڭ پىڭ، شياڭباپىڭسو، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، جاڭ باۋۋېن، چېن جۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا جاڭ دېجياڭ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق دېيىلدى: يىغىن گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2017-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، نىشان، ۋەزىپىلەر، نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە سىياسەت-تەدبىرلەرگە قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.
يىغىندا 2016-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2017-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2016-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2017-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى، 2017-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى تەستىقلاندى؛ 2016-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2017-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2016-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2017-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى، 2017-يىللىق مەركەز خامچوتى تەستىقلاندى.
يىغىندا ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى