باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى ئۈرۈمچىگە قايتتى

2017.03.16 17:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5- يىغىنىغا قاتناشقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى تۈرلۈك يىغىن قارالمىلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، 14-مارت ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە قايتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5- يىغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاكتىپلىق بىلەن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىززىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، يىغىنغا 170 پارچە تەكلىپ سۇندى، تەكلىپلەرنىڭ مەزمۇنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، بىرىنجى سەپتىكى چېگرا ئاھالىلىرىنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، «جەنۇبى شىنجاڭنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەخسۇس فوندى» تەسىس قىلىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

  ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيروڭ، ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن قاتارلىقلار ئايرودورومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر