باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چىرىكلىشىشكە زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئىراندا قوش دۆلەت تەۋەلىكىدىكى مەمۇرلارنىڭ خىزمىتىنى بىكار قىلىش تەشەببۇس قىلىندى

2016.09.06 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراننىڭ ئەدىلىيە-تەپتىش تارماقلىرى چىرىكلىككە زەربە بېرىش ئۈچۈن، قوش دۆلەت تەۋەلىكى بار ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە سىياسىي شەخسلەرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش كېرەك، دەپ تەشەببۇس قىلدى. مەملىكەتلىك باش نازارەت ئورگىنىنىڭ باشلىقى ناسىر سالاجى 4- سېنتەبىر بۇ ئىش ئۈستىدە ئەدىلىيە تارماقلىرى، ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتقا دوكلات تاپشۇردى. ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئالاقە ئاگېنتلىقى سالاجىنىڭ "مەن بۇ دوكلاتتا، مەمۇرىي تارماقلار قوش دۆلەت تەۋەلىكى بار ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى خىزمەتتىن بوشىتىشنى تەلەپ قىلىمەن." دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر ئېلان قىلدى. سالاجى يەنە: نۇرغۇن قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە كىشىلەر سوممىسى نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق چىرىكلىشىش سەتچىلىكىگە چېتىلىپ قالسىمۇ، قولىدىكى چەتئەل پاسپورتىغا تايىنىپلا ئىراندىن كېتىپ، تەكشۈرۈشتىن قۇتۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ، دېدى. بىراق تېھران ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قىسىم سىياسىي كۆزەتچىلەر بۇ تەكلىپ بەلكىم سىياسىي مەقسەت سەۋەبلىك، ھازىرقى زوڭتوڭ ھەسەن روھانىيغا زەربە بەرمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا، سەۋەبى كېلەر يىلى بەشىنچى ئايدا ئىراندا زوڭتوڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاھالەنكى، روھانىينىڭ ئىچكى كابېنتىدىكى نۇرغۇن ئەزالارنىڭ قوش دۆلەت تەۋەلىكى بار، دېيىلمەكتە، ئەگەر بۇ گەپ راست بولسا، بۇ ئىش ئىران قانۇنىغا خىلاپ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر