باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

−− 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق

ئىجادچان، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ھەمتۈرتكە بولىدىغان، سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلايلى

(2016 - يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، خاڭجۇ)

2016.09.05 14:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  كەسىپداشلار:

  مەن ھازىر 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلايمەن!

  كۆپچىلىك بىلەن خاڭجۇدا جەم بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. ئالدى بىلەن كەسىپداشلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!

  بۇلتۇر 20 دۆلەت گۇرۇھى ئانتاليا باشلىقلار يىغىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇلتۇرقى رەئىس دۆلەت تۈركىيەنىڭ ئۈنۈملۈك خىزمىتىگە ۋە يىغىندا ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. تۈركىيە «ئورتاق ھەرىكەت قىلىپ، سىغدۇرۇشچان ۋە پۇختا، ئىشەنچلىك ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»نى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى قىلىپ، «سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەبلەغ سېلىش»تىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن نەتىجە ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى، جۇڭگو تۈركىيەنىڭ رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە قانات يايدۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ئىزچىل ئىجابىي باھا بېرىپ كەلدى.

  بۇلتۇر 11 - ئايدا مەن ئانتاليادا كۆپچىلىككە خاڭجۇنى تونۇشتۇرۇپ، «ئاسماندا جەننەت بولسا، زېمىندا خاڭجۇ بار» دېگەنىدىم، خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۆپچىلىكتە تارىخ بىلەن رېئاللىق قوشۇلغاندەك ئۆزگىچە تەسىرات پەيدا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۈگۈن ئەينى چاغدىكى تەكلىپ رېئاللىققا ئايلاندى. مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ئىچىدە كونا دوستلارمۇ، يېڭى دوستلارمۇ بار، كۆپچىلىك خاڭجۇدا جەم بولۇپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدا كېڭىشىمىز.

  ئالدىمىزدىكى ئىككى كۈندە بىز باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ماكرو سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئېشىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش، دۇنيا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش، كۈچلۈك خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، سىغدۇرۇشچان ۋە ھەمتۈرتكە شەكلىدىكى تەرەققىيات، دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا گەۋدىلىك مەسىلە قاتارلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلىمىز.

  سەككىز يىلنىڭ ئالدىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەن ئەڭ جىددىي پەيتتە 20 دۆلەت گۇرۇھى خەۋپ - خەتەر ئالدىدا جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يار لېۋىگە بېرىپ قالغان دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە جانلاندۇرۇش يولىغا باشلىدى، بۇ بىر يېڭىلىق. ئىتتىپاقلىق ئىختىلاپ ئۈستىدىن غالىب كەلدى، ئورتاق نەپ ئېلىش شەخسىي مەنپەئەتتىن غالىب كەلدى. بۇ قېتىمقى كىرىزىس كىشىلەرنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنى ئەستە ساقلىشىغا تۈرتكە بولدى ھەم 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئاساسى مۇنبىرىلىك ئورنىنى بەلگىلىدى.

  سەككىز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئىقتىسادى يەنە بىر ھالقىلىق مەزگىلگە قەدەم قويدى. ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى قاتارلىق ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ «خوت يۆتكەش مەزگىلى»گە كىرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان تۈرتكىلىك رولى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىدى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تەدرىجىي ئاجىزلىشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ۋە كەسىپ ئىنقىلابى ۋەزىيىتى تېخى شەكىللەنمىدى. ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ياشانغانلار جەمئىيىتىگە قەدەم قويۇپ، نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا، جەمئىيىتىگە بېسىم ئېلىپ كەلدى. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدا ئوڭۇشسىزلىق كۆرۈلۈپ، قورۇقچىلىق، شەخسىيەتچىلىك خاھىشى باش كۆتۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى زەربىگە ئۇچرىدى. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىسلاھاتىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولسىمۇ، يۇقىرى پىشاڭ، يۇقىرى مازغاپ قاتارلىق خەۋپ - خەتەرلەر داۋاملىق كۆپەيدى. قانداق قىلغاندا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش بىلەن تەڭ، ئۇنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە يەنىلا ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم تېما بولۇپ قالدى.

  دۇنيا ئىقتىسادى بۇ ئامىللارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىدە گەرچە ئومۇمىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، ئېھتىياج كۈچلۈك بولماسلىق، پۇل مۇئامىلە بازارلىرى تەكرار داۋالغۇش، خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش سىجىل تۆۋەنلەش قاتارلىق ئېغىر خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى.

  20 دۆلەت گۇرۇھى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، دۇنيا ئىقتىسادىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۆزىمۇ خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، يول ئېچىش، ئېشىش ئىمكانىيىتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت 20 دۆلەت گۇرۇھىغا تولۇق ئىشەنچ باغلاپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە. بىز ھەرىكىتىمىز ۋە كوللېكتىپ بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئورتاق جاۋاب تېپىشىمىز كېرەك. خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىلگىرىكىلەر ئاساسىدا دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەيدىغان، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىدىغان رېتسېپ تۈزۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەكشى، سىغدۇرۇشچان ئېشىش يولىغا باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بىرىنچى، نۆۋەتتىكى خىرىس ئالدىدا جەزمەن ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇپ، كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئەتراپلىق ماكرو ئىقتىسادىي سىياسەت قوللىنىپ، تۈرلۈك ئۈنۈملۈك سىياسەت قورالىنى ئىشلىتىپ، مالىيە، پۇل، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات سىياسىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، يەر شارى ئومۇمىي ئېھتىياجىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. سىياسەتلەرنى «خاڭجۇ ھەرىكەت پىلانى»غا بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، سەلبىي تاشقى تەسىرنى ئازايتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، بازارغا بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ھازىرقى خىرىس ئالدىدا تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قېزىشىمىز كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى جەزمەن سىياسەت تەسەۋۋۇرىنى تەڭشەپ، قىسقا ۋە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سىياسەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئېھتىياج ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق باشقۇرۇش بىلەن تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. بىز بۇ يىل «20 دۆلەت گۇرۇھى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇلۇغ پىلانى» توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، يېڭى سانائەت ئىنقىلابى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى يول ئېچىپ، يېڭى دائىرە كېڭەيتىشنى قارار قىلدۇق. مۇشۇ يۆنىلىشتە قەتئىي ئاداشماي مېڭىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستا بولۇش، ئېشىش كۈچلۈك بولماسلىق ۋەزىيىتىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېشىشى ۋە گۈللىنىشىگە پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، ھازىرقى خىرىس ئالدىدا دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېخانىزم كاپالىتىنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ تۈزەش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. دۇنيا پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، خەلقئارا باج كىرىمى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ يىل 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە رامكا خىزمىتى گۇرۇپپىسىنى قايتا قوزغىتىپ، خىزمەتلەرنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، ھازىرقى خىرىس ئالدىدا جەزمەن ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. قورۇقچىلىق سىياسىتى ھازىرنى ئويلاپ كەلگۈسى بىلەن ھېسابلاشمىغانلىقتۇر، بۇ قارىماققا قىسقا مۇددەتتە دۆلەت ئىچىدىكى بېسىمنى پەسەيتكەندەك قىلسىمۇ، يىراققا نەزەر سالغاندا، ئۆزى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا تولدۇرغۇسىز زىيان سالىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھى جەزمەن ئۆزىنى دەپ باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان بۇنداق ھەرىكەتتىن ساقلىنىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەشەببۇسچىسى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولغۇچىلاردىن بولۇپ، يېڭى قورۇقچىلىق تەدبىرىنى قوللانماسلىق ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، سودىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بىز جەزمەن ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يەر شارى قىممەت زەنجىرىگە ئىشتىراك قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ ئېچىۋېتىلىشى، ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  بەشىنچى، ھازىرقى خىرىس ئالدىدا جەزمەن 2030 - يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئورتاق تەرەققىيات ھەر قايسى دۆلەت خەلقى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئالاقىدار ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر دۇنيا گېن كوئېففىتسېنتى 0.7غا يېتىپ، ئېتىراپ قىلىنغان 0.6 «ئېھتىيات سىزىق»تىن ھالقىغان، بۇ جەزمەن بىزنىڭ يۈكسەك دىققىتىمىزنى قوزغىشى كېرەك. بۇ يىل بىز تەرەققىياتنى 20 دۆلەت گۇرۇھى قارالمىسىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، 2030 - يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق ۋەدە بېرىشىمىز ھەم ھەرىكەت پىلانى تۈزۈشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئافرىقا ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ سانائەتلىشىشىنى قوللاپ، ئېنېرگىيەنىڭ داۋاملىشىشچانلىقى، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان پۇل مۇئامىلىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىكى تەڭسىزلىك ۋە تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئازايتىپ، ھەر قايسى ئەل خەلقىنى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك.

  كەسىپداشلار!

  20 دۆلەت گۇرۇھىغا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۈمىدى يۈكلەنگەن، ۋەزىپىسى ئېغىر. بىز تىرىشىپ 20 دۆلەت گۇرۇھىنى ياخشى قۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىدىكى چوڭ يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، باشلامچىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆز تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تەڭشەپ، كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشنى تەدرىجىي ھالدا ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزەش مېخانىزمىغا ئۆزگەرتىشى كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مۇھىم گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئالدىدا رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسىنى نامايان قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىش، يول ئېچىش مەسئۇلىيىتى بار.

  ئىككىنچى، سۆز - ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەك. ۋەدىنى كۆپ بەرگەندىن، ئەمەلىي ئىش قىلغان ئەۋزەل. بىز 20 دۆلەت گۇرۇھىنى «ۋائىز»غا ئەمەس، «ھەرىكەت ئەترىتى»گە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ يىل بىز ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، يېشىل پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، ھەر بىر ھەرىكەتنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. بىز جەزمەن 20 دۆلەت گۇرۇھى مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ياخشى تەكلىپ، پىكىرلەردىن كەڭ دائىرىدە پايدىلىنىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ساداسىغا كۆپرەك قۇلاق سېلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە قىلىپ، ھەر قايسى ئەل خەلقىنىڭ دەۋا تەلىپىگە ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ھەمراھلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ھەمراھلىق روھى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى. گەرچە دۆلەت ئەھۋالىمىز، تەرەققىيات باسقۇچىمىز، بىز دۇچ كەلگەن رېئاللىق، خىرىسلار ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئارزۇيىمىز ئوخشاش، كىرىزىس، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى مەنپەئىتىمىز ئوخشاش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئارزۇيىمىز ئوخشاش. بىز پەقەت جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشتىن ئىبارەت ھەمراھلىق روھىنى داۋاملاشتۇرساقلا، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى بوران - چاپقۇنلارنى يېڭىپ، كەلگۈسىدە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېپيېڭى سەھپىسىنى ئاچالايمىز.

  كەسىپداشلار!

  جۇڭگو خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش جەريانىدا باشتىن - ئاخىر ئېچىۋېتىلگەن، ئاشكارا، سىغدۇرۇشچان يىغىن ئېچىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەزالار بىلەن قويۇق ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلىدى. بىز تۈرلۈك ئۇسۇلدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ب د ت غا، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا، 77 دۆلەت گۇرۇھىغا، ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە، ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەتلىرىگە، كىچىك ئارال دۆلەتلىرىگە يېقىنلىشىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق كىشىلەرگە خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت تەلىپىنى ئاڭلىدۇق. ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەر بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.مەن كېيىنكى ئىككى كۈنلۈك مۇزاكىرىدە كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش نىشانىغا تىرىشىپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  خاڭجۇنى يېڭى پەللە قىلىپ، دۇنيا ئىقتىساد پاراخوتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، چيەنتاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىن يەنە بىر قېتىم دولقۇن يېرىپ قوزغىلىپ، تېخىمۇ بىپايان دېڭىزغا يۈرۈش قىلايلى!

  كۆپچىلىككە رەھمەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر