خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى) بايىنغولىن ئوبلاستلىق ۋە كورلا شەھەرلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئۆمىكىنىڭ 20 كىشىلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكى 9- ئاينىڭ 1-، 2- كۈنلىرى كورلا شەھەرلىك 10- باشلانغۇچ مەكتەپ، كورلا شەھەرلىك 16- ئوتتۇرا مەكتەپ، قوشئېرىق يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ ۋە يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ قاتارلىق بىر قىسىم ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يېزا-مەيدانلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ «ئۆلچەملەشكەن مەكتەپ بەرپا قىلىش» خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى.
سۈرەتتە: مۇپەتتىش ئۆمىكىدىكىلەر يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ «ئۆلچەملەشكەن مەكتەپ بەرپا قىلىش» خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى