باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى كېلەر يىلى يولغا قويۇلىدۇ

ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى ئەنگە ئېلىنىدۇ

2016.09.01 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى 31-ئاۋغۇست ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىز 2016-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دەل جايىدا باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرىدىكەن، بۇ سىستېما 2017-يىلى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى سىستېمىغا كىرگۈزۈلىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دىڭخۇا مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش، ئۇنۋان، ياش، ئوقۇتۇش ئەھۋالى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سىستېمىنى پۈتۈن مەملىكەت، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، مەكتەپلەر قاتلامغا بۆلۈپ باشقۇرىدۇ، ھەر قايسىسى ئوخشىمىغان ھوقۇق چېكىگە ئىگە، ئوقۇتقۇچىلارمۇ سىستېمىدىكى قىسمەن ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ سىستېمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى دەل جايىدا باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدا، بۇ سىستېما ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ناھىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر