باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شاڭخەي شەھىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 9- تۈركۈمدىكى تۇنجى قارارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇزىتىپ قويدى

2016.08.30 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي شەھىرى9- تۈركۈمدىكى تۇنجى قارارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قەشقەرگە ماڭدى، شىنجاڭغا مائارىپ جەھەتتە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىدى. شەھەردىكى ئالاقىدار تارماقلار، ھەر قايسى تاللاپ ئەۋەتىلگەن ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى شەھەرلىك كادىرلار تەربىيەلەش مەركىزىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇزىتىپ قويدى.

  9- تۈركۈمدىكى تۇنجى قارارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىدىن 27 كىشى بار بولۇپ، پۇدۇڭ، جىڭئەن، مىنخاڭ ۋە باۋشەن رايوندىن ئىبارەت بۇ تۆت رايوندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى تاللاپ ئەۋەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 24 ئادەم ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە (ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار توققۇز كىشى)، ھەممىسى ئالىي مەكتەپتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن، پوسكام، قاغىلىق ۋە مارالبېشىدىن ئىبارەت تۆت ناھىيەنىڭ توققۇز مەكتەپ ۋە مائارىپ ئاپپاراتلىرىغا بۆلۈنىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا مائارىپ جەھەتتە ياردەم بېرىش شەرەپلىك ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدۇ. ئىگىلىنىشچە، مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئوقۇتقۇچىلار شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش ۋاقتى ئۈچ يىل بولىدىكەن، ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش ۋاقتى بىر يېرىم يىل بولىدىكەن. جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىركىتى شاڭخەي شۆبە شىركىتى 9- تۈركۈمدىكى تۇنجى قارارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا سىرتتا خىزمەت قىلىش مەزگىلىدىكى كوللېكتىپ كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى بىلەن كۈتۈلمىگەن زەخىم داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تەقدىم قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تور


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر