باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئاۋىئاتسىيە موتورى ۋە يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسىنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېلىمىزنى ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك

2016.08.29 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە موتورى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە موتورى گۇرۇھى شىركىتى قۇرۇش تەدبىرىنى بەلگىلىشى، دۆلەتنى بېيىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىنى چىقىش قىلغان بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاۋىئاتسىيە سانائىتى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قوللانغان مۇھىم تەدبىرى. سىلەرنىڭ بۇرچ-مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەت مەنپەئىتىدە چىڭ تۇرۇشنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ئارمىيە-خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، پۇختا قەدەم بىلەن يۇقىرى پەللىگە شىجائەت بىلەن ئۆرلەپ، ئاۋىئاتسىيە موتورى ۋە يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسىنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېلىمىزنى ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر