باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 31-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى:

جۇڭگو كوماندىسى غەيرەت قىلىڭلار! جۇڭگو غەيرەت قىل!

2016.08.26 14:50   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوماندىسى غەيرەت قىلىڭلار! جۇڭگو غەيرەت قىل!

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 25-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 31-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، تەنتەربىيە سېپىدىكى يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ رىئودې ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى قالتىس ئىپادىسى ئولىمپىك روھى ۋە جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى جانلىق شەرھلىدى، ۋەتەن ۋە مىللەتكە شان - شەرەپ كەلتۈرۈپ، ئو ت م نى جۇلالاندۇرۇپ، كىشىلىك ھاياتقا مەنە قوشۇپ، مەملىكەت خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ۋە دۇنيادىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، ئىنتىلىشچانلىقى، ئۆزىگە ئىشىنىشىنى كۈچەيتتى، بۇ جۇڭگو روھىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا رىئودى ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە كىشىلەر دائىم توۋلىغان: تەنھەرىكەتچىلىرىمىز غەيرەت قىلىڭلار! جۇڭگو كوماندىسى غەيرەت قىلىڭلار! جۇڭگو غەيرەت قىل! دېگەن شوئار بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مەخسۇس تېمىلىق لىكسىيە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى
    ·27 ئۆلكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسى ئېلان قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش دېگەندەك ناملار بى…
    ·تۈركىيە ئاۋسترىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
    ·چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 28–ئاۋغۇست تىزىملاش باشلىنىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش توغرىسىدا ئوقۇتقۇچىلا…
    ·جۇڭگو ۋە تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتى 4- قېتىملىق يىغىنى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ پىكىر ئېلان قىلدى
    ·گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئارخى…
    ·پۇتىن بىلەن نەزەربايېۋ رۇسىيەنىڭ سۇچىدا سۆھبەتلەشتى