باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرى بەش يىل ئىچىدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مۇھىم دېلولارغا چېتىشلىق 192 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى 22 نەپەر نازىر دەرىجىلىك كادىر تورغا چۈشتى

2016.08.30 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28- ئاۋغۇست، ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلولىرىدىن 3273ى 3676 ئادەمگە چېتىشلىق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ دېلودىن 1569ى ۋە مۇھىم دېلوغا چېتىشلىق 192 ئادەم (نازىر دەرىجىلىك 22 ئادەم)تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، بۇنىڭ بىلەن، دۆلىتىمىز ئۈچۈن 5 مىليارد 596 مىليون 900 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىياننى قايتۇرۇۋالدى.

  مۇخبىرنىڭ مەزكۇر يىغىندا ئىگىلىشىچە، ئىلگىرىكى بەش يىل ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر، زېمىن بايلىقى ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلەر بىلەن سودىدا پارا بېرىشنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش ۋە ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىشكە قاتناشتى. يېمەكلىك دورا بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن جىنايەت ۋە مۇھىت بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىنى مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇپ نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ۋە ئامما ئارىسىدا ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مەخسۇس خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ۋە نامرات يېزىلارغا ماددىي ياردەم بېرىش ساھەسىدىكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس خىزمىتىدەكۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر