- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىزنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانىدا 90 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قوبۇل قىلىندى
2016.08.30 13:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاساسەن ئاياغلاشقان. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىدىن ئايان بولۇشىچە، دۆلەت، يەرلىك ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس پىلانىدا يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن 90 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، 2015-يىلىدىكىدىن %20 تىن ئارتۇق كۆپەيگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جايلاردىكى ھەر قايسى مەكتەپلەر مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى پائال كېڭەيتكەن ھەمدە ئايرىم ئارزۇ تولدۇرۇش، ئايرىم نومۇر چېكى بەلگىلەش قاتارلىق ئالاھىدە سىياسەتلەر بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئورۇندىغان. مەسىلەن؛ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئېتىبار بېرىش كۈچىنى چوڭقۇر قازغانلىقتىن مەخسۇس پىلاندا قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچى سانى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن زور دەرىجىدە كۆپەيگەن. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن، مۇتەخەسسىسلەرنى تاللاپ شۇ جايدا باھالاش ياكى توردا يىراق مۇساپىدىن ۋىدېيولۇق يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىشقا ئەۋەتكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە ئىش جەريانىدا ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغان، مەلۇم قىلىنغان ھەمدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان سالاھىيىتى يالغان بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەردىن ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈش، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردىمى بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، مەخسۇس پىلان بويىچە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر