باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالتۇن 72 سائەتتىن كېيىن ئىتالىيەدە يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دەپنە قىلىش ئىشىغا بۇرالدى

2016.08.29 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا يەر تەۋرىگەنلىكىگە تۆت كۈن بولدى، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 291 كىشىگە يەتتى، قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ئىلىپ بېرىلىدىغان ئالتۇن 72 سائەت ئۆتتى، ھايات قالغانلارنى ئىزدەش ئاستا ئاستا پەسەيدى، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ دەپنە قىلىش ئىشىغا بۇرالدى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئېغىر ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاماتىرىچ بازىرى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئاساسەن تۇزلىنىپ كەتكەن، نۆۋەتتە يەنىلا 15 كىشىنىڭ ئىز دېرىكى بولمىغان، قۇتقۇزغۇچى خادىملار ۋە ئاپشاركىلار بۇ ساياھەت شەھىرىدە ھايات قالغانلارنى ئىزدىمەكتە. بىراق خارابىلىكتىن ھايات قالغانلارنىڭ ئىزناسى بايقالمىغان.

  يەر تەۋرەش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئىلىپ بېرىلغان قىسقا ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش خىزمىتى ۋە ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا 1 مىليارد ياۋرو كېتىشى مۇمكىنكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر