باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئاممىنى كۆچۈرگەندىن كېيىنكى سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا توغرا يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى

2016.08.25 10:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش نەق مەيدان يىغىنى 22-ئاۋغۇستتىن 23-ئاۋغۇستقىچە گۇيجۇ ئۆلكىسى گۇيياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش-نامراتلارنى يۆلەش جېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئاچقۇچى. جايلار، تارماقلار بۇ خىزمەتنىڭ مۈشكۈللىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە جىددىيلىكىنى تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش جېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» نىڭ تەلىپى بويىچە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى باسقۇچتا قولغا كەلتۈرۈلگەن پائال ئىلگىرىلەش ۋە تەجرىبىلەر ئاساسىدا، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىدە ساقلانغان ئاجىز ھالقىلار ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاممىنى كۆچۈرگەندىن كېيىن سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيەتىپ، تەپەككۇر مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە داۋاملىك كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، باش ئومۇمىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش ۋە تارماقلار قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادرلار ۋە ئاممىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادىيلىقىنى تولۇق قوزغاپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى قىممەتلىك مەبلەغ ۋە بايلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆرلەش ۋە ناراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشاننى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆلچەمنى چىڭىتىپ، مېخانىزمنى راۋانلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ھالقىلىق جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر