خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى، فوتوسى) چەرچەن ناھىيەسىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىۋاتقان خېبېي ئۆلكىسىنىڭ تاڭشەن شەھىرى 22- ئاۋغۇست پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىل ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا تۇلۇق كۇرسنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمىدىن يۇقىرى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 64 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 1000 يۈەندىن جەمئىي 64 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارنى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇردى.ئىگىلىنىشىچە، تاڭشەن شەھىرى 2014 -يىلى چەرچەن ناھىيەسىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، 2016-يىلىغىچە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 181 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 1000 يۈەندىن جەمئىي 181 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقاتقان ھەم تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن تۈرىدە ئەليۇلئەلا بولغان تۆت ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىنى 1000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىغان .
سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلار ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى