باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىىمىزدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلار 9-ئاينىڭ بېشىدا دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن مەمۇر قوبۇل قىلىدۇ

2016.08.29 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26- ئاۋغۇست، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل 9- ئايدا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا،كەسپىي ئورۇنلاردىن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئاشكارا تاللاپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلارغا ۋەزىپىگە قويىدىكەن.

  تاللاپ ئىشقا قويۇش ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سەككىز ئورگاندىكى 40 ئورۇننى تاللاپ سىناق نۇقتىسى قىلىدىكەن، بۇ، 10 باشقارما دەرىجىلىك خىزمەت ئورنى ۋە 30 مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى خىزمەت ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  9-ئاينىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتى تاللاپ ئىشقا قويىدىغان مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ۋە خىزمەت ئورنى جەدۋىلىنى ئېلان قىلىدىكەن. تىزىملىتىش ۋاقتى 9- ئاينىڭ 7-كۈنى ئىكەن، كەسىپتىن ئېلىنىدىغان يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 9- ئاينىڭ 24- كۈنى ( شەنبە ) بولۇپ، تۈرگە بۆلۈپ ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن.

  تاللاپ ئىشقا قويىدىغان مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش تەرتىپى جەھەتتە، مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ۋە خىزمەت ئورنى جەدۋىلىنى ئېلان قىلىش، تىزىملىتىش ۋە سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، كەسپىي يېزىقچە ئىمتىھان، يۈز تۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، يۆتكەش (قوبۇل قىلىش) بويىچە ئاشكارا ئېلان قىلىش ۋە رەسمىيىتىنى بېجىرىش تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شۇ ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون تاللاپ ئىشقا قويىدىغان مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىپ، كەسىپتىن يېزىقچە ئىمتىھان ئالىدىكەن، تاللاپ ۋەزىپىگە قويىدىغان ئورگانلار تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، يۈز تۇرا ئىمتىھانغا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايون يەنە، ئىمتىھان بىلەن تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە سادىق، ئىشەنچلىك بولۇشنى تەكشۈرۈشنىڭ بىرىنچى تەلىپى ئورنىغا قويۇپ، سىياسىي-ئىدىيە، ئەخلاق - پەزىلەت، ئىقتىدار ساپاسىغا بولغان تەكشۈرۈشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر