خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، 13- نۆۋەتلىك شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى شىنجاڭ خوتەن شەھىرىدە باشلاندى.
بۇ نۆۋەتلىك قاشتېشى مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى «دۇنيانىڭ قاشتېشى ماكانى، يىپەك يولىدىكى داڭلىق شەھەر» نى ئاساسىي تېما قىلىپ، ھەممە تەرەپ، كۆپ قاتلام بويىچە خوتەننىڭ چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيىتى، ئەۋزەل سىياسەت مۇھىتى ۋە مول ساياھەت بايلىقىنى نامايەن قىلدى، شۇ كۈنى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1000غا يېقىن قاشتېشى سودىگىرى، قاشتېشى مۇتەخەسسىسلىرى، خوتەن قاشتېشى ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەر خوتەنگە يىغىلىپ، خوتەننىڭ «قاشتېشى ماكانى» سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى