باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

2016.08.29 13:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان 2016 ـ يىللىق يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقا - ئارقىدىن مەكتەپكە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشىنىڭ باشلىشىغا ئەگىشىپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر "مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2016- يىللىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش" تىكى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىلىق رويخېتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باشقىلارنىڭ نامىنى سېتىپ ئوقۇشقا كىرىۋالىدىغان ۋە سالاھىيىتىدە ساختىلىق قىلىدىغان ئىشلارنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشتا كېرەك بولىدىغان "قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، كىملىك، نوپۇس كۆچۈرۈش گۇۋاھنامىسى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سالاھىيەت كىنىشكىسى" دېگەندەك ماتېرىياللارنى ۋە "ئوقۇغۇچىنىڭ يېزىقچە ئارخىپى، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكى، ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپ" دېگەندەك ماتېرىياللارنى بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىشتىن بەھرىمەن بولغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار، ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس تۈردىكى پىلان بويىچە قوبۇل قىلىنغان يېزا ۋە نامرات رايونلاردىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ، سەنئەت كەسپى، تەنتەربىيە كەسپى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنتەربىيە ئەترىتى دېگەندەكلەرگە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش كەسپىنى قايتا تەكشۈرۈش كېرەك.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە مۇنۇلارنى ئېنىق دېدى: ساختىپەزلىك قىلىش ۋە شەخسىي غەرەز بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلىش دېگەندەك ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سالاھىيىتى ۋە قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ياكى ئۆزىنى باشقا بىراۋ قىلىپ كۆرسىتىپ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىۋالغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار، بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك سالاھىيىتى ئاشكارىلانمىغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار، ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلار ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلىنغان باشقا يېڭى ئوقۇغۇچىلار، بىردەك ھالدا ئۇلارنىڭ ئوقۇش سالاھىيىتى ئېلېكتىرونلۇق رويخەتكە ئېلىنماسلىقى كېرەك، ھەمدە بۇ خىل ئەھۋاللار ئالاقىدار تارماقلارغا مەلۇم قىلىنىپ، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلنىىشى كېرەك.

  9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى تەۋەلىكىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە شۇ مەكتەپ مەسئۇل تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر