خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لى كېچياڭ 23-ئاۋغۇست جياڭشىنىڭ رۈيجىندىكى يېپىڭ ئىنقىلابىي كونا ئورنىغا كېلىپ، قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويۇپ، «بىرىنچى قېتىملىق سوۋېت مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى» يىغىن ئورنى قاتارلىق ئىنقىلابىي كونا جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. زوڭلى لى كېچياڭ رۈيجىننىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ بۆشۈكى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى، رۈيجىننىڭ يېڭى دەۋردە ئىنقىلابىي ئېسىل ئەنئەنىلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، «قىزىل پايتەختنىڭ يېڭى بۇرچى»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى