باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ پىكىر ئېلان قىلدى

2016.08.22 14:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ پىكىر ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئىلىكىدىكى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجازەت بېرىش ياكى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سېلىشنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قارار قىلسا بولىدۇ، دۆلەت مەخپىيەتلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلغانلىرىدىن باشقىلىرىنى ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلاش ياكى ئارخىپ قالدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، پايدىسىنىڭ ھەممىسى مەكتەپكە قالىدۇ. پىكىردە يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: تېخنىكىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى ئىجازەتكە ئېرىشكەن كىرىمدىن ھېچ بولمىغاندا %50لىك نىسبەتتىن تۆۋەن بولمىغان قىسمىنى مۇكاپاتلاشقا ئىشلىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالى مەكتەپلەرنىڭ تېخنىكا خادىملىرى كارخانىلارغا بېرىپ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ، ئەگەر ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن بولسا، ئۈچ يىلغىچە كادىرلار مۇناسىۋىتى ساقلاپ قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر