باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بۇ يىل شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئىچكى ئۆلكىلەرگە 1866 ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىدۇ

2016.08.17 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش باشقۇرۇش مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەملىشىش ئۈچۈن 1866 ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭ بۇ يىل 400 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىدىكەن. ئۇلار 8-ئاينىڭ ئاخىرىلىرى تۈركۈملەپ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي سىنىپلارغا بېرىپ شۇ جايدىكى مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش باشقۇرۇش مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىگە ياردەملىشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 1300 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ياتاق، تاماق، ئوقۇش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەملىشىدىكەن ھەمدە پىسخىكا جەھەتتە يېتەكلەش، ئىدىيە جەھەتتە تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدىكەن.

  نۆۋەتتە، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى 234 مىڭغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى 105 مىڭ. 2000-يىلىدىن باشلاپ ئىچكى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ 2700 دىن ئارتۇق ئادەم قېتىم ئوقۇتقۇچى ئەۋەتتى، 2020-يىلغىچە 7223 ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىشنى پىلانلىدى. ئۇزۇندىن بۇيان، ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلار شىنجاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر